دۇنيا بانكىسى ئۆزبېكىستاننى ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى

165 2011-10-09 12:20:15   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      بۇ يىل 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا دۇنيا بانكىسى مۇدىرىيەت يىغىنىدا ئۆزبېكىستاننى مۇددىتى 35 يىللىق (10 يىل مۇددەتنى ئۇزارتىش ۋاقتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئومۇمىي سوممىسى 88 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشنى تەستىقلىدى، بۇ قەرز پۇل سىر دەريا ئوبلاستىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش تۈرىگە ئىشلىتىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە مەزكۇر تۈر ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۆزبېكىستان تەرەپ 12مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجرىتىدۇ، تۈر قۇرۇلۇشى 5 يىل ئىچىدە تاماملىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن 340 مىڭ ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. ئۆزبېكىستان 1992 - يىلىدىن باشلاپ دۇنيا بانكىسىغا ئەزا بولغانىدى. ھازىرغىچە دۇنيا بانكىسى ئۆزبېكىستاننىڭ دېھقانچىلىق، پۇل مۇئامىلە، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە خۇسۇسىيلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلىرىگە جەمئىي 950 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بېرىپ تۇردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر