تاجىكىستان <رۇسىيە - بېلورۇسسىيە - قازاقىستان ئىتتىپاقدىشى> غا كىرىشنى ئويلاشماقتا

306 2011-10-08 12:02:40   www.basbas.cn   
T|T:خەت رەزمىرى

      قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئوتانبايېۋ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان پەقەت قوشنا دۆلەتلەر ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي مۇھىتنى بەرپا قىلغاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى پايدا - زىياننى مۆلچەرلىگەندىن كېيىن رۇسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقىستان ئۈچ دۆلەت قۇرغان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا كىرىشنى قارار قىلدى.
      تاجىكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا كىرىشى تاجىكىستان ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. تاجىكىستان تاموژنا مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى راخماتوۋ ئىلگىرى قىرغىزىستاندىن كېيىن تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا كىرىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېيتقانىدى، چۈنكى بۇ تاموژنا ئىتتىپاقدىشىغا كىرىش ئۈچۈن بەلگىلىك كونكرېت شەرتلەرنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ شەرتلەر ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارىسىدا ئورتاق چېگرا بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر