شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش تېزلەشتى

0 2011-10-08 11:38:31   جۇڭگو رادىئو تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   يېقىنقى يىللاردىن بويان شىنجاڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

    2011-يىلى شىنجاڭ يەنى بىر قېتىم ‹2011-يىللىق مىڭ ئاپتوموبىل ۋە مىليون كىشىنىڭ تەكلىماكان قوملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈش› پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. 500دىن ئارتۇق ماشىنىدىن تەشكىللەنگەن ماشىنا ئەترىتى 3 كۈندە داغدۇغىلىق ھالدا شىنجاڭنىڭ چەرچەن ناھىيىسىگە يېتىپ كەلدى.

   شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلى ئابلىم مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق پائالىيەت تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئېكسپېدىتسىيە قىلىش بىلەن قۇملۇقنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ مەزگىلدە قۇملۇقتىكى جاز مۇزىكا، قۇملۇقتا گۆھەر ئىزدەش قاتارلىقلار باش تېما قىلىنغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشلەرنى شىجاڭنىڭ ئالاھىدە ساياھەت مەدەنىيىتىنى قېزىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

   ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت بىخلىنىشقا باشلىغان، ئارقىدىنلا ئاپتوموبىل بىلەن لوپنۇر رايونىنى غەرپتىن شەرققە كېسىپ ئۆتۈش، خوتەن دەرياسىنى بويلاپ تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرىش، قۇمتاغ قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈش، كىرورەن قەدىمىي رايونىدا ئېكىسپىدىتسىيە قىلىش ۋە مۇشتاغ چوققىسىغا چىقىش قاتارلىق ھەر خىل ئالاھىدە ساياھەت لىنىيەلىرى ئېچىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博