شىنجاڭغا يەنە 120 كارخانا كىرىپ ئورۇنلىشىدىغان بولدى

0 2011-10-08 11:35:51   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەينى-كەينىدىن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلدى، 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى 120 مەركەز كارخانىسى شىنجاڭغا كىرىپ ئورۇنلاشتى، شىنجاڭ بىلەن 700 مىليارد يۈەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسىدە 185 مىليارد يۈەن قىممىتىدە ئىچكى بىرلەشمە كېلىشىم ئىمزالاندى، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان تۈر 5 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. شىنجاڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلماقتا.
            جۇڭگو چىڭخۇا گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭغا كىرگىنىگە نەچچە يىل بولدى، بۇ يىل ئۇلار غۇلجا شەھىرىگە 50 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدى، رايون ئىچىدە كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي زورايدى. تەڭرىتاغ يۇڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى بىر نەچچە يىل ئارقىدا قېلىش ئارقىلىق، يېقىندا شەھەردىن چىقىپ باغچە رايونىغا كىرىش تەدبىرىنى قوللىنىپ 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونى شىمالى رايونىدا 330 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق تەڭرى تاغ توقۇمىچىلىق سانائەت باغچىسىنى قۇردى.
شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ، مەدەنىيەت ساياھىتى، ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى قاتارلىق 3-كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغمۇ كۆپەيدى. ئىسپانىيە كايداگېم شىركىتى بىلەن قارىماي شەھىرى دۇنيادىكى داڭلىق كىشىلەر مەدەنىيەت شەھەرچىسى تۈرىنى ئىمزالىدى، بۇنىڭغا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 20 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博