سومالى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى پايتەخىتتىكى ماشىنا بومبا بىلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

0 2011-10-08 10:12:30   شىنخۇا ئاگېنتلىقى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    سومالى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭتۇڭى شەيخ شېرىف شەيخ ئەخمەد تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى ئەتىگەندە پايتەخت موقدىشۇدىكى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت مائارىپ مىنىستىرلىقى خىزمەت بىناسىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ماشىنا بومبا بىلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ھازىرغىچە بۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ 70 كىشى قازا قىلدى، 150 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى.

   سومالىدىكى ئاساسلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات ئىسلام ياشلىرى ھەرىكىتى بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى ھەمدە سومالى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنى نىشان قىلىپ مۇشۇنداق ھۇجۇملارنى داۋاملىق قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博