قىرغىزىستان رۇسىيە ھەربىي ئىشلار بازىسىدىن ئالىدىغان ئىجارە ھەققىنى ئۆرلەتمەيدۇ

250 2011-10-06 12:24:33   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئادەنبايېۋ قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستان چېگرىسىدىكى ماناس ھەربىي ئىشلار بازىسىدىن ئالىدىغان ئىجارە ھەققىنى ئۆرلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
      رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئادەنبايېۋ موسكۋادا رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن بىلەن ئۇچراشقاندا، قىرغىزىستان تەرەپ ئىلگىرى رۇسىيەگە رۇسىيەنىڭ ماناس ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدىن ئېلىنىدىغان ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى، لېكىن قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى بۇ تەكلىپنى ئەمەلدىن قالدۇردى، چۈنكى ‹دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئائىت مەسىلىلەر ئۈستىدە باھا تالىشىشقا بولمايدۇ›.
      ئادەنبايېۋ مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن تۈزگەن بارلىق ئىككى تەرەپ كېلىشىملىرىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقتى، قىرغىزىستان بۇ كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، قىرغىزىستان تەرەپ رۇسىيە شىركىتىنىڭ قىرغىزىستان چېگرىسى ئىچىدە تەبىئىي گاز قېزىشىغا يول قويىدۇ، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت شىركىتىگە قىرغىزىستان تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ %75 پېيىنى سېتىپ بېرىدۇ. رۇسىيەدىن ئالغان قەرز پۇللىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، قىرغىزىستان رۇسىيەگە بىر ھەربىي سانائەت كارخانىسىنىڭ پېيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
      پۇتىن مۇنداق دېدى: قىرغىزىستانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، رۇسىيە 2010 - يىلى قىرغىزىستاننى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى ۋە 25مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلدى، بۇندىن كېيىن رۇسىيە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى ‹زور كۆلەملىك ياردەم› بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر رۇسىيە قىرغىزىستاننى 30مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشكە تەييارلىق قىلماقتا.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر