شىنجاڭنىڭ قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورت مىقدارى ئاشتى

239 2011-09-30 11:51:45   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      شىنجاڭ جۇڭگودىكى ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىشتا ئەڭ داڭلىق رايون، شىنجاڭنىڭ ھۆل ئۈزۈملىرى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، قۇرۇق ئۈزۈمىمۇ ئوخشاشلا قارشى ئېلىنىدۇ. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ يىللىق ئېكسپورت قىلىنىش مىقدارى بۇندىن 10 يىل ئىلگىرىكى 200 توننىدىن 2010 - يىلىغا كەلگەندە ئېشىپ 5060 توننىغا يەتكەن، دېمەك ئېكسپورت قىلىنىش مىقدارى 20 ھەسسىدىن كۆپ ئاشقان، قۇرۇق ئۈزۈم مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
      شىنجاڭ ئېكسپورت كارانتىن ئورۇنلىرىنىڭ ماتېرىيالىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ قۇرۇق ئۈزۈملىرى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلىنىپ ئېكسپورت قىلىنغاندىن باشقا، يەنە شەندوڭ، تيەنجىن، فۇجۇ قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلەردىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلارمۇ تۇرپان ئۈزۈمىنى قايتىدىن ئوراپ قاچىلاپ ئېكسپورت قىلىدىكەن.
      تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىقتىساد سودا ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2010 - يىلى بىر يىل ئىچىدىلا تۇرپاندىن ئامېرىكا، ياپونىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىنغان قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ مىقدارى4600توننىدىن ئاشقان بولۇپ، سوممىسى45 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
      مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۈزۈمىنىڭ ئوندىن توققۇز قىسمى تۇرپاندىن چىقىدىكەن. 2008 - يىلىدىن بۇيان، تۇرپاننىڭ قۇرۇق ئۈزۈملىرى سىرتقا زور مىقداردا سېتىلىشقا باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن قۇرۇق ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېز بولغان. يەنى 200 - يىلىدىكى قۇرۇق ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىدىغان 4 كارخانىدىن تەرەققىي قىلىپ 2010 - يىلىغا كەلگەندە 17 كارخانىغا يەتكەن.
      تۇرپان ۋىلايىتىدىكى يېزا - بازار كارخانىلىرى ئىدارىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇرپان ۋىلايىتى 2009 - يىلى 120 مىڭ توننا، 2010 - يىلى 130 مىڭ توننا قۇرۇق ئۈزۈم ئىشلەپچىقارغان. دېمەك، قۇرۇق ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يىلدىن - يىلغا ئاشقان.
      ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، شىنجاڭ جۇڭگودىكى ئەڭ زور ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، شىنجاڭدا ئۈزۈم سورتى50 نەچچە خىلغا يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپاننىڭ تەك يەر كۆلىمى شىنجاڭدىكى تەك ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %90 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. تۇرپاننىڭ يېرى ئويمان، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز، قۇياشنىڭ رادېئاتسىيە سىجىللىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدە تەبىئىي شارائىتى ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچلۈك شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ھازىر تۇرپان ۋىلايىتىدە ئۈزۈم تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 45 مىڭ 700 موغا يېتىدىغان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئۈزۈم مىقدارى بىر توننا ئەتراپىدا.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر