رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئومۇمىي سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، »مېدۋېدېۋ - پۇتىن بىرىكمىسى« دىكى قايسى شەخسنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قىياس ئەۋج ئالدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ 52 - ئاپرېل تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا ۋەزىپەمدىن بوشانغاندىن كېيىن، يۇقىرى پەن - تېخنىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىم مۇمكىن، دېدى. مېدۋېدېۋنىڭ پوزىتسىيەسى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. غەرب كۆزەتكۈچىلىرى مېدۋېدېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىدىن ئېنىق بېشارەت بەردى، دەپ قارىدى. پۇتىن دەۋرىدە زۇڭلى بولغان رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى كاسيانوۋ: مېدۋېدېۋنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى ئاياغلىشىدىغانغا ئۇزاق ۋاقىت قالمىدى، ئۇنىڭ خىزمىتى ئاخىرلاشتى، دەپ قارىدى.
مېدۋېدېۋ تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا ۋەزىپىڭىزدىن بوشانغاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: سىياسىي بىلەن شۇغۇللانمايمەن، موسكۋا شەھەر سىرتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش رايونى − سكولكوۋادا خىزمەت قىلىشىم مۇمكىن. بۇ جاينى ئامېرىكىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسىدەك يۇقىرى پەن - تېخنىكا مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئارزۇيۇم بار. ئىلگىرى قانۇندىن دەرس بەرگەنىدىم، ئوقۇتقۇچى بولۇشنى قارار قىلسام، سكولكوۋ ئەڭ ياخشى جاي.
غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مېدۋېدېۋ ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇشقا ئىنتىلمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. پۇتىن زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە قايتا ئولتۇرىدۇ، دەپ قارىدى. ئەنگلىيە »كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى« گېزىتىنىڭ 26 - ئاپرېلدىكى ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيەلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۇتىن يەنىلا ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر رەھبەر، ئۇنىڭ قاتتىق قوللىقى ۋە غەربكە قارشى پوزىتسىيەسى كۆپ ساندىكى رۇسىيەلىكلەرگە ياقىدۇ، نۇرغۇن رۇسىيەلىك پۇتىننى »رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنى ۋە كەلگۈسىدىكى خەۋپسىزلىكنى قوغدىغۇچى«، دەپ قارايدۇ. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بەزى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: ھازىر مېدۋېدېۋنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان ھېچقانداق ئالامەت يوق. پۇتىن 2012 - يىلى ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىرەر ئىتتىپاقدىشىنى تاللاپ مېدۋېدېۋنىڭ خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى مۇمكىن، دېدى. رېيتېر ئاگېنتلىقى تەھلىلچىلەرنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: قارار قىلىش ھوقۇقى يەنىلا پۇتىندا، دېدى.
لېكىن، رۇسىيەدە بەزىلەر باشقىچە قاراشتا بولدى. رۇسىيە سىياسىي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئالېكسېي مۇسىن مۇنداق دېدى: مېدۋېدېۋ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تېلېۋېزىيە پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇش كويىدا بولىۋاتىدۇ. بۇ پىروگراممىنى ئاساسلىقى ياشلار ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازلار كۆرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ 2012 - يىلى داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن ھەم ئۇزاق ۋاقىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ئاساس سېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. رۇسىيە دۆلەت ئىستراتېگىيەسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى بېلكوۋسكىي مۇنداق دېدى: مېدۋېدېۋنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسى ئۇنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچمەكچى بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مېنىڭچە، مېدۋېدېۋنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ۋاقتى 2018 - يىلىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
رۇسىيە »نۇقتىئىينەزەر« گېزىتىنىڭ 26 - ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى باشقىلارنىڭ تۈرلۈك قىياسلىرىغا رەددىيە بېرىپ، زۇڭتۇڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كونكرېت ۋاقىتنى تىلغا ئالمىدى، بۇنداق ئۆزگىرىش 2012 - يىلى ياكى 20182 - يىلى يۈز بېرىشى ناتايىن. »زۇڭتۇڭنىڭ سىياسىي ھاياتى ئون يىل ياكى 15 يىل ئۇزىرىشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن رۇسىيە »سودا مەسلىھەتچىلىكى« گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە سىياسىيونلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە قايتا ئولتۇرۇش ئېھتىماللىقى مېدۋېدېۋنىڭ قايتا زۇڭتۇڭ بولۇش ئېھتىماللىقىدىن چوڭ.
ھەمبەھىرلىنىڭ