شىئەن دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى 12-مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

02011-09-28 11:12:46   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
25-سېنتەبىر يېپىلىش مۇراسىمىغا يەنە 27 كۈن قالغاندا، شىئەن دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى 12-مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى.
دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزگۈچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 8-ئايدا، دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى تاماشا قىلغۇچىلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. كۈندىلىك كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 80 مىڭ ئادەم قېتىمغا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 180 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.
شىئەن دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ھازىرغىچە غەربىي شىمالدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ زور خەلقئارالىق پائالىيەت بولۇپ، 109 تاشقى كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان. 32 دۆلەت ۋە ئۈچ خەلقئارالىق تەشكىلات كۆرگەزمىگە قاتناشقان. بۇ ئارقىلىق شىئەننىڭ يېشىل، زامانىۋى يېڭى ئوبرازى دۇنياغا نامايەن قىلىنغان. بۇ قېتىمقى دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلانغان بولۇپ، 10-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.