فىلىپىن تەيفىڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىدى

0 2011-09-28 10:28:24   شىنخۇا تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     فىلىپپىن ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارمىقىنىڭ 27-سېنتەبىر ئېيتىشىچە، «ناشا» ناملىق تەيفېڭ بورىنى فىلىپپىننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ ئاپەتتە، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئادەم قازا قىلغان، تۆت ئادەم يوقاپ كەتكەن. نەچچە مىڭلىغان ئادەم يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان.
     فىلىپپىن مىتىرولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېيتىشىچە، «ناشا» ناملىق بۇ تەيفېڭ بورىنى شۇ كۈنى سەھەردە، فىلىپپىننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاۋلۇلا ئۆلكىسى ۋە ئىسابىلا ئۆلكىسىدە قۇرۇقلۇققا چىققان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى شامال تېزلىكى سائىتىگە 170 كىلومېتىرغا يەتكەن. فىلىپپىننىڭ شىمالىدىكى رايونلار ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان.
    فىلىپپىن دۆلەتلىك ئاپەتنى يېنىكلىتىشى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان رايونلاردىكى توك سىمى تۈۋرۈكى بوران تەسىرىدىن ئۆرۈلۈپ كەتكەن.دەرەخلەر يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ كەتكەن. مانىلادىكى 500 كىشىلىك ئاپەتتىن پاناھلىنىش مەركىزىنىڭ ئىچىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئۆگىزىلىرىمۇ ئۇچۇپ كەتكەن.
    8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، «نامادۇ« ناملىق تەيفېڭ بورىنى فىلىپپىىنگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئاپەتتە 16 ئادەم قازا قىلغان ئىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر