لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېيتىشىچە، تىرپولدىكى بىر تۈرمىدە جەسەت ئازگىلى بايقالغان بولۇپ، جەسەت سانى ئاز دېگەندىمۇ 1270 يېتىدىكەن. بۇ جەسەتلەر 1996-يىلى كازافىي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئابۇسەلىم تۈرمىسى تىرپولنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، بەزى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ جەسەتلەرنى 1996-يىلى بىخەتەرلىك قىسىم ئېلىپ بارغان چوڭ قىرغىنچىلىقتا ئۆلگەن 2000 مەھبۇس بولۇشى، ھەمدە شۇ يەرگە كۆمۈۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.
رېۋتېرسىبرۇن ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل 2-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان كازافىينى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتىدە، بېنغازى نامايىشچىلىرى ئىچىدە شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا ئۆلگەن مەھبۇسلارنىڭ تۇغقانلىرىمۇ بار ئىدى. ‹‹ بىز ھازىر 1270 نەپەر جەسەتنىڭ قېلىپ قالغان ئۇستىخانلىرىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز. بىز چوقۇم ئۇلارنىڭDNA سى ئۈستىدە بىر-بىرلەپ سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئېلىپ بارىمىز. شۇ يەردىكى داۋالاش ئورنىنىڭ ئەمەلدارى جېلىل:‹‹ كۆپ يىل سەرپ قىلىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلايمىز.›› دېدى.
لىۋىيە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى شىرىپ مۇنداق دەيدۇ، ھازىرغا قەدەر تۇتۇلغانلار ئىچىدە شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىققا قاتناشقانلار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى شۇلار جەسەت بار يەرنى تېپىپ بەرگەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ