توخۇ شورپىسى قانداق كىشىلەرگە ياراشمايدۇ؟

0 2011-09-26 12:41:12   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     1. ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر: توخو شورپىسىنىڭ ئاشقازاننى غىدىقلاش رولى بولغانلىقتىن، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىش ياكى ئاشقازان قاناش بىمارلىرى توخۇ شورپىسىنى ئىستېمال قىلمىغىنى ياخشى.
      2. يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىرى: يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىرى توخۇ شورپىسىنى ئىستېمال قىلسا، ئاسانلا ئارتېرىيە قېتىش پەيدا بولغاندىن سىرت، قان بېسىمى ئۆرلەپ تۆۋەنلىشى تەس بولىدۇ.
      3. يۇقۇرى قان مېيى كېسەللىكى: توخۇ شورپىسىدىكى ماي بەدەنگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، خولېستېرىننى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋېتىدۇ. خولېستېرىن بەك يۇقىرىلاپ كەتسە قان تومۇر ئىچكى پەردىسىدە يىغىلىپ قېلىپ، تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
      4. بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولمىغانلار: توخۇ شورپىسىدا كىچىك مولېكۇلىلىق ئاقسىل بار بولغانلىقتىن، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق ياكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا، بۆرەك ئاقسىلنىڭ ھاسىلاتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بولغاچقا، توخۇ شورپىسىنى كۆپ ئىستېمال قىلىۋالسا يۇقىرى ئازوتلۇق قان كېسىلىنى پەيدا قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
      5. تۈرلۈك ياللۇغلار: توخۇ شورپىسىنىڭ بەدەننى ئىللىتىپ قۇۋۋەتلەش رولى بولىدۇ، بىراق ياللۇغ كېسەللىكلىرىنى ئىللىتىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ياللۇغنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
  

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر