تىراكتورنىڭ ئېتىلىپ قالسا بولمايدىغان تۆشۈكلىرى

0 2011-09-26 12:40:40   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      1. فورسۇنكا ماي قايتىش تۆشۈكى: بۇ تۆشۈك ئېتىلىپ قالسا، يىڭنە كىلاپاننىڭ ئېچىلىشى ياخشى بولماي، ماي ياخشى تەمىنلەنمەي، ماتور نورمال ئىشلىمەيدۇ.
      2. تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچ ئاساسىي كىلاپانىنىڭ ھاۋا تۆشۈكى: بۇ تۆشۈك ئېتىلىپ قالسا، ماتور سۇ قاپقىقى ئىچىدىكى ھاۋا تولۇق چىقىپ كېتەلمەي، رادىياتورغا سۇ لىق قاچىلانماي، ئاسانلا قايناپ كېتىدۇ. قىشتا رادىياتورغا ئىسسىق سۇ كىرەلمەي، رادىياتور ئاسانلا توڭلاپ بۇزۇلىدۇ.
      3. سۇ پومپىسىنىڭ ئارتۇق سۇنى چىقىرىش تۆشۈكى: بۇ تۆشۈك ئېتىلىپ قالسا، سۇ توسقۇچتىن سۇ ئېقىپ، سۇ پومپىسىنىڭ ئوق قازىنى ئىچىگە كىرىپ، سىلىقلاش مېيى سۇيۇلۇپ، سىلىقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، پومپىنىڭ ئوق قازىنى ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
      4. ھاۋا تازىلىغۇچ قاپقىقىنىڭ توزان چىقىرىش تۆشۈكى: بۇ تۆشۈك ئېتىلىپ قالسا، ھاۋادىكى كىچىك دانچىلارنى چىقىرىۋېتەلمەي، ئارقىدىكى تورلارنىڭ ھاۋا سۈمۈرۈشى ناچارلاپ، قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ھەتتا توزان دانچىلىرى ئوت ئېلىش بۆلۈمىگە كىرىپ، ھاۋا ئېغىزى، سىلىندىر قاپقىقى، پورشىن قاتارلىقلارنىڭ ئۇپرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
      5. ئەگرى ئوق كۇرۇپكىسىنىڭ ھاۋا تۆشۈكى: بۇ تۆشۈك ئېتىلىپ قالسا، ئاپتول تەڭنىسىدىكى ئاپتول سۇيۇلۇپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ، سىلىقلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ ھەمدە ئاپتول كۆيۈپ، كۆپ خوراپ كېتىدۇ.
      6. ماي يەتكۈزۈش ناسۇسى ئىتتىرىش دەستىسى قاپقىقىدىكى ئارتۇق ماينى چىقىرىش تۆشۈكى: بۇ تۆشۈك ئېتىلىپ قالسا، ماي يەتكۈزۈش ناسۇسىنىڭ سىلىقلاش مېيى قاچىسىدىكى ئاپتول كۆپىيىپ، سۇيۇلۇپ، ئېقىپ چىقىدۇ.
      7. ئاككۇمۇلياتور قاپقىقىنىڭ تۆشۈكى: بۇ تۆشۈك ئېتىلىپ قالسا، ئاككۇمۇلياتور ئىچىدىكى كېرەكسىز گاز چىقىپ كېتەلمەي، ئاككۇمۇلياتورنى بۇزۇۋېتىدۇ.
      8. مۇفتا كورۇپكىسى تېگىدىكى تۆشۈك: بۇ تۆشۈك ئېتىلىپ قالسا، ئەگرى ئوق ئارقا ماي توسۇش ئېغىزىدىن ماي ئېقىپ قالغاندا، مۇفتا كورۇپكىسىغا ماي يىغىلىپ، مۇفتىنىڭ تېيىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر