قەھۋە: باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ. ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، كوففېئىن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاغرىق سىگنالىنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، سېزىمنى ئاجىزلىتىدىكەن. شۇڭا، دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى مەسىلەن، ئاسپىرىن، ئېرگوتامىن قاتارلىق دورىلارغا مەلۇم مىقداردا كوففېئىن قوشۇپ دورىنىڭ ئۈنۈمى ئاشۇرۇلىدۇ. ئەمما، قەھۋەنى دائىم ئىستېمال قىلىدىغانلارغا نىسبەتەن، ئەكسىچە ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ.
بېلىق يېغى: ياللۇغلىنىشنى تىزگىنلەيدۇ. بوغۇم ياللۇغى، شەقىقە (باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش)قاتارلىقلارنى بەدەندىكى ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تەركىبىدە ياغ كىسلاتاسى بولغان بېلىق يېغى بىلەن رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، شەقىقە قاتارلىقلارنى داۋالىغىلى بولىدىكەن.
بۆلجۈرگەن تۈرىدىكى مېۋىلەر: ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى ئاسپىرىن بىلەن ئوخشاش. تەتقىقاتتا مەلۇم بولۇشىچە، گىلاس ۋە بۆلجۈرگەن تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولى ئاسپىرىن تۈرىدىكى دورىلاردىن قېلىشمايدىكەن.
خۇش پۇراقلىق، ئاچچىق - چۈچۈك تېتىتقۇلار: تەبىئىي ئاغرىق توختىتىدۇ.
زەنجىۋىل: يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، زەنجىۋىلنىڭ ئاغرىق پەسەيتىش، بوغۇم ياللۇغىنى قوشۇمچە داۋالاش رولى گەۋدىلىك بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھىندىستاندا خېلى بۇرۇنلا زەنجىۋىل رېماتىزم ۋە بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن. ئۇ بىخەتەر، ھېچقانداق قوشۇمچە تەسىرى يوق ئېسىل دورىدۇر.
كۇررى: تەركىبىدە زەرچىۋە بار بولۇپ، ئالزھېيمىر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان چوڭ مېڭىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى ئازايتىش رولىغا ئىگە. ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىمۇ كۇررى تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىنىڭ ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش رولى بارلىقىنى دەلىللىدى.
مۇچ: تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، مۇچ تەركىبىدىكى كاپزائىتىسىن (مۇچ ئېلېمېنتى) ئاغرىق سىگنالىنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا يېتىپ كېلىشىنى توسۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدىكەن. ھازىر كاپزائىتىسىن باش ئاغرىقى، نېرۋا ئاغرىقى، بوغۇم ياللۇغى ۋە رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق ئاغرىقلارنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلمەكتە. ئۇ پەقەت بەدەن سىرتىغا چاپلىنىدىغان مەلھەم دورا قىلىنىدۇ، ئىچىشكە بولمايدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ