قازاقىستاننىڭ ئاشلىق ساپ مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلىدى

234 2011-09-09 11:51:52   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  قازاقىستاننىڭ 2010 - يىلىدىكى ئاشلىق ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلىرىنىڭ ساپ مەھسۇلات مىقدارى 12 مىليون 200 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41.5 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداينىڭ مەھسۇلات مىقدارى %79.1 نى ئىگىلەيدۇ.
      قازاقىستان ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلى ئاشلىق ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى 8 سېنتنېر - گېكتار بولۇپ،2009- يىلى12.6سېنتنېر - گېكتار ئىدى.
      بۇندىن باشقا، قازاقىستان دۆلىتىنىڭ 2010 - يىلىدىكى كۆكتات مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 600 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.8 ئاشقان؛ بەرەڭگىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ 2 مىليون 600 توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن، %7.3 تۆۋەنلىگەن، ياغلىق دان زىرائەتلىرى 800 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.2 ئاشقان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر