ئۆزبېكىستان ھاراق - تاماكا ئىستېمال بېجىنى يۇقىرى كۆتۈردى

237 2011-09-09 11:49:44   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      2011- يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ھاراق - تاماكا ئىستېمال بېجىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %22 يۇقىرى كۆتۈردى.
      بۇ تەدبىرنى قوللىنىشتىن مەقسەت، دۆلەت ئىچىدىكى ھاراق - تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا قارىتىلغان باج ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇشتۇر.
      ئۆزبېكىستان ئىچكى كابىنېتىنىڭ پەرمانىغا ئاساسلانغاندا، ھەر10 لىتىر ئالكوگول ھاراقلىرىنىڭ ئىستېمال بېجى 2922سۇم (مەركىزىي بانكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بويىچە 1.39 ئامېرىكا دوللىرى)، ئۈزۈم ھارىقىنىڭ 4744 سۇم )( 2.89ئامېرىكا دوللىرى) بولماقتا. براندى، ۋوتكا ۋە باشقا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ ھەر 10 لىتىرىنىڭ ئىستېمال بېجى 18 مىڭ 956 سۇم )1150 ئامېرىكا دوللىرى( بولۇپ، پىۋانىڭ 2156سۇم )1.3 ئامېرىكا دوللىرى( بولىۋاتىدۇ. براندى، ۋوتكا ۋە باشقا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئالكوگول مىقدارى %40تىن ئاشسا، ھەر 10 لىتىرىنىڭ ئىستېمال بېجى 31 مىڭ 236 سۇم )(19 ئامېرىكا دوللىرى) بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر