قازاقىستان ئىستاتىستىكا مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلى قازاقىستاننىڭ خام نېفىتى ۋە ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىققان مېيىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 79 مىليون5185 مىڭ توننا بولۇپ، 2009 - يىلىدىكىدىن (76 مىليون400مىڭ توننا) %1.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، خام نېفىتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 67مىليون 915 مىڭ 700 توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.5 ئاشقان، ئۇيۇپ ئاجرىلىپ چىققان ماينىڭ مەھسۇلات مىقدارى 11 مىليون 602 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.4 تۆۋەنلىگەن.
20102 - يىلى قازاقىستاننىڭ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 37 مىليارد 147 مىليون كۇب مېتىر بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، گاز ھالەتتىكى تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى17 مىليارد 589 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3 تۆۋەنلىگەن؛ نېفىت ھەمراھ گازىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 9119 مىليارد 553 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %12ئاشقان.
ھەمبەھىرلىنىڭ