قازاقىستاننىڭ تۇنجى 3D ژۇرنىلى »ئاتلىنىش« ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستاننىڭ بىرىنچى چوڭ شەھىرى ئالمۇتادا رەسمىي يوسۇندا جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
3D نۇسخىسىدىكى ‹ئاتلىنىش› ژۇرنىلى 112 بەتلىك ئايلىق ژۇرنال بولۇپ، ئايلىق تارقىتىلىش مىقدارى 8000 نۇسخا، قازاقىستان دۆلەت ئىچىدە ۋە خەلقئارا نۆۋەتلىك ئايروپىلان، شۇنداقلا ئايروپورت، مېھمانساراي ۋە ساياھەت دۇكانلىرىغا ھەقسىز يەتكۈزۈلىدۇ.
ھەربىر ژۇرنالغا بىر خىل ئالاھىدە كۆزەينەك سوۋغاتلىق قىلىنغان بولۇپ، ژۇرنالنىڭ 3D ستېرېئو كۆرۈنۈشىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. ‹ئاتلىنىش› ژۇرنىلىنىڭ2D نۇسخىسى 2010- يىلى 5 - ئايدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بىۋاسىتە ھېس قىلىش ۋە كۆرۈش سېزىمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 3D نۇسخىسى بارلىققا كەلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 3D تېخنىكىسى 10 يىل بۇرۇنلا تەكشى يۈزلۈك ۋاسىتىلەرگە ئىشلىتىلگەن. كىنو فىلىمى ‹ئاۋاتار› پۈتكۈل يەر شارىدا قويۇلغاندىن كېيىن،201002 - يىلىلا نۇرغۇن ئېقىم ژۇرناللىرى 3D كۆزەينىكىنى ژۇرنالغا قوشۇپ سوۋغا قىلغانىدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ