قازاقىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان قىسمەن قېزىلما مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى

184 2011-09-08 11:31:37   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      قازاقىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلى قازاقىستاندا جەمئىي 5 مىليون 310 مىڭ توننا ئاليومىنا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %3.5 ئاشقان؛ 31مىليون 710 مىڭ توننا تۆمۈر رۇدىسى ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، %3.6 ئاشقان؛ 4 مىليون 785 مىڭ توننا مىس - سىنك رۇدىسى ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، %6.1 كېمەيگەن؛ 6 مىليون 815 مىڭ توننا قوغۇشۇن - سىنك رۇدىسى ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، %3.7 ئاشقان؛ 3 مىليون 40 مىڭ توننا مانگان رۇدىسى ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، %23.5 ئاشقان؛ 5 مىليون 90 مىڭ توننا خروم ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %8.8 ئاشقان.
      0102 - يىلى قازاقىستاننىڭ خىللانغان مىس مەھسۇلات مىقدارى 380 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7 تۆۋەنلىگەن؛ خىللانغان قوغۇشۇن مەھسۇلات مىقدارى 36 مىڭ 100 توننا بولۇپ، % 8.4 تۆۋەنلىگەن؛ خىللانغان سىنك مەھسۇلات مىقدارى 405 مىڭ توننا بولۇپ، %3.3 تۆۋەنلىگەن؛ خىللانغان مېتال رۇدىلىرى مەھسۇلات مىقدارى 8 مىليون 17 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %29.7 ئاشقان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر