تۈركمەنىستان ئېنېرگىيە تارماقلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى

95 2011-09-08 11:30:25   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   تۈركمەنىستان ئىستراتېگىيەلىك پىلان ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى نەچچە كۈن ئىلگىرى تۈركمەنىستاننىڭ 2030 - يىلىدىن بۇرۇنقى ئېنېرگىيە تارماقلىرى تەرەققىيات پىلانىنى ئېلان قىلدى.
      مەزكۇر پىلاندا 2030- يىلىدىن بۇرۇن تۈركمەنىستاننىڭ يىلىغا 37 مىليارد كىلوۋات - سائەت توك يەتكۈزۈشنى، 67 مىليون توننا نېفىت قېزىشنى، 30 مىليون توننىدىن ئارتۇق خام نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى، شۇنداقلا 230 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز قېزىشنى پىلانلىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
      پىلانغا ئاساسلانغاندا، تۈركمەنىستان2030- يىلىدىن بۇرۇن %20 ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەھسۇلاتى ۋە %70 تەبىئىي گاز مەھسۇلاتىنى ئېكسپورت قىلىدىكەن. پۈتۈن دۇنيا بازىرىدىكى تەبىئىي گاز ئىستېمال مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركمەنىستاننىڭ سۇيۇقلاشتۇرۇلغان تەبىئىي گازىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ 2030 - يىلىدىن بۇرۇن زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.
      بۇنىڭدىن باشقا، تۈركمەنىستان يەنە 2030 - يىلىغا بارغاندا سەپلىمە يېقىلغۇنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى 1 مىليون 100 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر