ئۆزبېكىستان ئېلېكتر ئېنېرگىيە يوللاش باھاسىنى ئۆستۈردى

120 2011-09-07 11:55:28   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  تاجىكىستان ئېلېكتر ئېنېرگىيە پاي شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستان تاجىكىستانغا يوللىنىدىغان ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېكسپورت باھاسىنى ئۆستۈرگەن. ئۆتكەن يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تاجىكىستاننىڭ ئۆزبېكىستاندىن ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنى سېتىۋېلىش باھاسى ھەر كىلوۋات - سائەتنىڭ47 سېنت بولغانىدى. يېڭى باھا كېلىشىمى بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يۈرگۈزۈلدى.
      نۆۋەتتە، تاجىكىستان ھەر كۈنى ئۆزبېكىستاندىن 7000-650 مىڭ كىلوۋات - سائەت ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئىمپورت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن زەرەفشان ئويمانلىقىغا جايلاشقان ئاساسلىق شەھەرلەرنى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
      تاجىكىستاندىكى بىر قىسىم رايونلار دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئېلېكتر ئېنېرگىيە سىستېمىسىغا ھازىرچە كىرگۈزۈلمىدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو ئالاھىدە تىرانسفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى 220 كىلوۋولتلۇق خوجەنت - ئاينىن توك يوللاش لىنىيەسىنى ياتقۇزىۋاتىدۇ، بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش مەركەزلەشتۈرۈپ توك تەمىنلىشىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر