قازاقىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى 5 - ئاپرېل ئاخىرقى سايلام نەتىجىسىگە ئاساسەن، قازاقىستان زۇڭتۇڭ نامزاتى، ھازىرقى زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋنىڭ يەنە زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
قازاقىستان مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغان قۇلۇۋ ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نەزەربايېۋ 3 - ئاپرېلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا % 95.55 سايلام بېلىتىگە ئېرىشىپ، سايلامدا غەلىبە قىلدى، دېدى.
نەزەربايېۋ1940- يىلى 7 - ئايدا ئالمۇتا ئوبلاستىدا تۇغۇلغان، ئىقتىساد ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1991 - يىلى 12 - يانۋار قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. 1995 - يىلى 4 - ئايدا قازاقىستاندا ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇلۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى2000- يىلىغىچە ئۇزارتىلغان. 1999 - يىلى 1 - ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يەنە زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 2005 - يىلى 12 - ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يەنە غەلىبە قىلغان.
ھەمبەھىرلىنىڭ