قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى

127 2011-09-06 10:43:03   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئوتانبايېۋنىڭ رۇسىيەگە قارىتا قىلغان زىيارىتى قىرغىزىستان  - رۇسىيە ئىككى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە قىرغىزىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئوتانبايېۋنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ10 كۈندىن كېيىنلا تۇنجى قېتىملىق تاشقى زىيارىتىدە رۇسىيەنى تاللىشى ئۇنىڭ رۇسىيەگە بېقىنىشتەك سىياسىي يۈزلىنىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماستىن، يەنە رۇسىيەنىڭمۇ قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
      ئوتانبايېۋ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ رۇسىيەنىڭ 2011 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ قىرغىزىستانغا قارىتىلغان نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا ئېكسپورت تاموژنا بېجى ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، رۇسىيە  - قىرغىزىستان ئېنېرگىيە كارخانىلىرى سۇ ئېلېكتر قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش، نېفىت - تەبىئىي گاز قېزىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ھەم رۇسىيەنىڭ قىرغىزىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
      قىرغىزىستاننىڭ زۇڭلى مەسلىھەتچىسى نىيازوۋنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى قىرغىزىستان - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە زور دەرىجىدە باغلىقكەن.
      رۇسىيە سىياسىي ۋەزىيەت مەركىزىنىڭ تاشقى مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ۋويىك مۇنداق دېدى: قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا تۇرماقتا، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى قىرغىزىستانغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى سىياسەت يۈزلىنىشى ۋە پارلامېنت تۈزۈمىدىكى سىياسىي گەۋدىنىڭ مۇقىم بولۇش - بولماسلىقىدا يەنىلا نۇرغۇنلىغان ئېنىقسىزلىقلار مەۋجۇت، شۇڭلاشقا رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ مۇناسىۋىتىدە يېقىنقى مەزگىلدە زور ئۆزگىرىش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن قىيىن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر