تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو __ ئاسىيا -ياۋرۇپا يەرمەنكىسى 1-سىنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ «تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو __ ئاسىيا - ياۋرۇپا يەرمەنكىسى»نىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
«تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو __ ئاسىيا -ياۋرۇپا يەرمەنكىسى»نى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ بىڭتۈەن، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق 27 دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىكى ۋە ھەرقايسى ئورگانلىرى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات كېڭەشمىسى قاتارلىق 14 دۆلەت تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يەرمەنكە مەزگىلدە جۇڭگو __ ئاسىيا-ياۋرۇپا ئىقتىساد تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇھاكىمە مۇنبىرى يىغىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا ئىشلىرى كۈنى مۇنبىرى يىغىنى، جۇڭگو __ ئاسىيا-ياۋرۇپا ھەمكارلىق ۋە گۈللەندۈرۈش يىغىنى ۋە يېزا ئىگىلىكى ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى يىغىنى قاتارلىق مۇھاكىمە مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن سىرت، يەنە جۇڭگونىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەرخىل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى پائالىيىتى، ھەرخىل سودا كېڭەشمىسى پائالىيىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2011-يىللىق سودا ۋە تەرەققىيات دوكلات يىغىنى، دۇنيا بانكىسى خەلقئارا پۇل مۇئامىلىسى شىركىتىنىڭ توختام ئىمزالاش يىغىن پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى.
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو __ ئاسىيا -ياۋرۇپا يەرمەنكىسى 1-سىنتەبىر...
ئالىملار ئىنسانلار چاشقاندىن تەدرىجى تەرەققى قىلغان دەپ قا...
ئوبامانىڭ تاغىسى مەست پېتى ماشىنا ھەيدىگەنلىكتىن قاماپ قوي...
ئىرىن قارا قۇيۇنى كانادانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا ھۇجۇم قىلد...
كازافىينىڭ قوغدىغۇچى ئايال مەرگەنلىرى باسقۇنچىلىققا ئۇچرى...