يېزىلاردا ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

0 2011-08-29 12:29:53   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
گەندە بىلەن ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تېزەكلىرىنى سىرتتا ئوچۇق پېتى تۇرغۇزۇپ قويماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلغاندا يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈپ مۇھىتنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ تارقىلىشىنىمۇ ئازايتىپ، پاكىزە مۇھىت ياراتقىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھاجەتخانىغا قۇيۇلغان سۇ بىلەن كۆكتاتلارنى قوشۇمچە ئوغۇتلىسا، ئۇرېيە قاتارلىق خىمىيەلىك ئوغۇتلارنىڭ ئورنىنى بېسىپ، كۆكتاتلاردىكى قالدۇق دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئادەم تېنىگە قارىتا زىيىنىنى ئازايتىپ، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئۇقۇشماي يەۋېلىش سەۋەبىدىن كېسەللىك كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، كىشىلەرنى ›يېشىل كۆكتات› لار بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. ئادەتتە بۇنداق كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ئۇرېيەنى ئىشلىتىپ ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.
      كۆمۈردىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىشنىڭ ئورنىدا پاتقاق گازىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلسا، بىرىنچىدىن بايلىق مەنبەسىنى تېجىگىلى بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىق گازلارنىڭ ھاۋانى بۇلغىشىنى ئازايتىپ، مۇھىتقا نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن توك قېچىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، پاتقاق گازىنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئوت كەتكەن تەقدىردىمۇ، بىۋاسىتە سۇ چېچىش ئارقىلىقلا ئۆچۈرۈۋالغىلى بولىدۇ. يېزىلاردا يورۇتۇش ۋە تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان پاتقاق گازىنى دېھقانلار ئۆزى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولغاچقا، پۇلغا سېتىۋېلىش تامامەن ھاجەتسىز بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، بېيىش يولىغا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر