قەغەز ئىشلەتكەندە ئېنېرگىيەنى قانداق تېجەش كېرەك؟

0 2011-08-25 11:59:49   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
قايتا ئىشلەپچىقىرىلغان قەغەزنى ئىشلىتىش كېرەك. ئەن ياغاچنى خام ماتېرىيال قىلىپ 1 توننا قەغەز ئىشلەپچىقارغاندا، 1 توننا قەغەزنى قايتا ئىشلەپچىقارغانغا قارىغاندا ئېنېرگىيە سەرپىياتى %40 كۆپ بولىدۇ. 1 ۋاراق قايتا ئىشلەپچىقىرىلغان قەغەزنى ئىشلەتكەندە، تەخمىنەن1.8 گىرام ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى 4.7 كىلوگىرام ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى %2 قەغەزنى قايتا ئىشلەپچىقىرىلغان قەغەزگە ئۆزگەرتسە، ئۇنداقتا ھەر يىلى 452 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى 1 مىليون 164مىڭ توننا ئازايتقىلى بولىدۇ. ھۆججەت - ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقارغاندا ياكى نۇسخا ئالغاندا، قەغەزنىڭ قوش يۈزىنى ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى %10 ئورۇن بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرالىسا، ئۇ ھالدا قەغەزنىڭ خوراش مىقدارىنى يىلىغا 51 مىڭ توننا ئازايتىپ، 64 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجىگىلى، شۇنداقلا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى 164 مىڭ توننا ئازايتقىلى بولىدۇ.
      شۇنىڭ بىلەن بىرگە، زىيادە كۆركەم ئوراش قەغەزلىرىنى ئاز ئىشلىتىش كېرەك. زىيادە كۆركەم ئورالسا تەبىئىي بايلىقلار ئىسراپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇھىتنىمۇ بۇلغايدۇ. كۆركەم ئوراش قەغىزىدىن 1 كىلوگىرامى ئاز ئىشلىتىلسە، 1.3 كىلوگىرام ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى 5.3 كىلوگىرام ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يىلىغا %10 كۆركەم ئوراش قەغىزى ئاز ئىشلىتىلسە، ئۇ ھالدا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى 3 مىليون 120 مىڭ توننا ئازايتقىلى بولىدۇ.
      بۇندىن باشقا، يەنە باسما كىتاب - ژۇرنالنىڭ ئورنىغا ئېلېكترونلۇق كىتاب - ژۇرنالنى، قەغەز خەت - چەكنىڭ ئورنىغا ئېلېكترونلۇق يوللانمىنى قوللىنىش كېرەك. بىر پارچە ئېلېكترونلۇق يوللانمىنى يوللىغاندا، بىر پارچە قەغەز خەت - چەكنى پوچتىدىن ئەۋەتكەنگە قارىغاندا 52.6 گىرام كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئاز قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ. ئەگەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى 3/1 قىسىم قەغەزگە يېزىلغان خەت - چەك ئېلېكترونلۇق يوللانما ھالەتتە يوللاپ بېرىلسە، ئۇ ھالدا ھەر يىلى تەخمىنەن 39 مىڭ توننا قەغەز ئاز ئىشلىتىلىپ، 50 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجىلىدۇ، كاربون(Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى 129 مىڭ توننا ئازايتقىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر