بۇ يىل 1-ئايدا ئىچكىردىكى مەلۇم شەھەرنىڭ ئايرودىروم يولىدا بىر ئىچىنىشلىق قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئىككى موتسىكىلىت قاتتىق سوقۇشۇپ، بىر ئادەم ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن. بەختىگە يارىشا يول بويىدىكى كىشىلەر دەل ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرۇۋالغان. يەنە بىر ئادەم بولسا بىر دەمنىڭ ئىچىدىلا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان.
مەزكۇر ۋەقەدە دوڭ لىيەن سەي شەھرىگە يېقىن ئەتراپتىكى ئايرودىروم كېسىشمە قاتناش چىرىغى ئېغىزىدا يۈز بەرگەن. بۇ ۋاقىتتا ئەتتىگە سائەت ئىككى يىرىملاردىن ئاشقان بولۇپ، نەق مەيداندىن ئادەم تېنىنىڭ كۆيگن پۇرىقى ۋە بېنزىن پۇرىقى كەتمىگەنىدى. ئادەمنى تېخىمۇ ۋەھىمىگە سالىدىغىنى يەنە بىر كشىى كۆيۈپ كۆمۈرگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى.
مەزكۇر ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى موتسىكىلىت سوقۇشقان ئاشۇ دەقىقىدە بېنزىن ئېقىپ كەتكەن ۋە تېزلا ئوت ئالغان. ساقچىلار نەق مەيداننى تەكشۈرگەندە ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر مۇنداق دېگەن:«بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن مۇتسىكىلىتنى ئۆلىدىغاندەك ھەيدىدى، ئۇنىڭ سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز ئىدى...» بۇلارنى ئاڭلىغان ساقچىلار ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى.
ھايات قالغان بىرەيلەن دوختۇرخانىدا داۋالانغان. دوختۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«ئۇ ھەقىقەتەن ئېغىر دەىرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغان. بۇ يىگىتنىڭ فامىلىسى شې بولۇپ، بۇ يىل 20 ياشلاردا ئىكەن. ئۇ يىگىت مۇنداق دېگەن:«كۆيۈپ كەتكىنى بولسا مېنىڭ جىيەن ئاكام، كەچتە ھەممىمىز پىۋا ئىچكەنىدۇق. زادى نەچچە بوتۇلكا ئىچتۇق، مېنىڭ تازا ئېسىمدە قالماپتۇ...»
گۇاڭشى نەننىڭ تاماكا زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدائوت كەتتى،قو...
شىنجىن شەھەرلوخۇ دابىر ئاپتۇبۇس تۇيۇقسىز يولدىن چىقىپ كېتى...
روسىيە قورال-ياراغ سودىگىرى بۇتېنىڭ ئايالى ئامېرىكىدا تۇرۇ...
تالىبانلار تۇتقۇن قىلىۋالغان شۋېتسارىيەلىك ئەر-ئايالنىڭ قۇ...
ھىندونېزىيە 2004-يىلدىكى ھىندى ئوكيان دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ 7 يىلل...
89ياشقا كىرىپمۇ پاراشوت بىلەن سەكرەشنى داۋام ئېتىپ كەلگەن شا...