دۆلەتلىك سۇئۈزۈش مەركىزى بۇ يىل ئون مېلىيونلۇق زىيانغا ئۇچراپ مەسئۇل خادىم ھۆكۈمەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى

02011-12-29 11:37:01   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

بۇ 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزىنىڭ رەسىمى
  دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزىنىڭ مەسئۇل خادىمى ھۆكۈمەتتى " ياردەم " تەلەپ قىلىپ ، سىياسەتنىڭ يۆلىشى ۋە مال - مۈلۈك مەبلىغىگە جىددىي مۇھتاج دېدى .
  تىجارەتچى تەرەپ : بۇ يىل دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى زىيان تارتتى
  تۈنۈگۈنكى دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارە باشلىقى يىغىندا ، دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ چىيوڭ تونۇشتۇرۇپ ، دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى 2011 - يىلى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە ساتقان كىرىمى 88 مېلىيون بولغان ، لېكىن تەننەرخ چىقىمى 99 مىليون 299 مىڭ يۈەن     بولغان .


ھازىرقى ھالىتى .
   تىجارەت خىراجىتى يۇقىرى،  داڭلىق ماركىلىق مۇسابىقە ئىشلىرى ئاز
   8 سۆزلىگۈچىنىڭ ئىچىدە ، ياڭ چىيوڭ بىردىنبىر ماھارەت تەنتەربىيىسى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئەمەس . تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ يىغىندا دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزىنىڭ مۇسابىقىدىن كېيىنكى پايدىلىنىشى ۋە يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنىڭ تەجىربىلىرىنى سۆزلەپ بەردى . ياڭ چىيونىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى بۇ يىل 68 تۈرلۈك پائالىيەت ئېلىپ بارغان ، ساياھەتچىلەرنى سەيلە قىلدۇرغان ، سۇ ئۈزگەن ، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 2 مىليون 800 مىڭ ئادەمگە يەتكەن .
  لېكىن ياڭ چىيوڭ يەنە مۇنداق دېدى ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى كۆرۈش قىزغىنلىقىنىڭ داۋاملىق چۈشىشىگە ئەگىشىپ ، دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈۈش مەركىزى مۇسابىقىدىن كېيىنكى تىجارەت بېسىمى بارغانسىز چوڭايغان . بۇ يىل ساياھەت قىلغانلارنىڭ سانى 2010 - يىللىق ئىككىنچى قېتىملىق ئۆزگەرتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئوخشاش ۋاقىتتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانىغا سېلىشتۇرغاندا . ساياھەتچىلەرنىڭ ئومومىي نىسىبىتى 30 % ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن .
  2011 - يىلى ، دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى تىجارەت خىراجىتى تەخمىنەن 88 مىلىيون بولغان ، لېكىن مەيدان قوغداش  ، ئىككىنچى قېتىملىق مال - مۈلۈكنىڭ ئۇپرىشى ، ئىنىرگىيىنىڭ خورىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەننەرخ چىقىمى،  باج پۇلى بولۇپ جەمىئىي 99 مىليون 299 مىڭ يۈەنگە يەتكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزىنىڭ ھەر يىلى ئىسراپ قىلىدىغان ئىنىرگىيە خورىشى ، مەيدان قوغداش ۋە ئەمگەك كۈچى تەننەرخ جەمىئىي  57 مىليون 563 مىڭ200  يۈەن بولغان  . بۇ ئومۇمئىي چىقىمىنىڭ 58 % دىن ئاشىدۇ . نۆۋەتتە سۇ ئۈزۈش مەركىزىنىڭ خىزمىتىنىڭ تىجارىتى ، قوغداش ، ھەمكارلاشقان ئورۇنلار  بولۇپ 33 ى بار ، خىزمەتچى خادىملار 1200 دىن ئارتۇق .
  ياڭ چىيوڭ يەنە دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى ئىزدىنىش ۋە تەربىيلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ، كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى تەننەرخ يۇقىرى بولۇش ، ھەپتىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان داڭىلىق مۇسابىقىلەر بەك ئاز بولۇشتەك ئەمەلىي قىيىنچىلىققا يولۇقىۋاتىدۇ . مەيداننى قوغداش ئاممىۋى  تەتنەرىيە مۇلازىمىتى جەھەتتە ، سياسەتنىڭ يۆلىشى ۋە ئىگىلىك مەبلىغىغە جىددىي ئېھتىياجىلىق بولۇۋاتىدۇ . 2011 - يىلى ، دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىشلىرى باشقۇرۇش مەبلىغىغە مۇناسىۋەتلىك سياسەتلەرنىڭ يىتەكچىلىدە ، سۇ ئۈزۈش ، قىسقا كۆلچەك ۋە ئويۇن چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك دۆلەت مۇسابىقىسىدە 9 مىليون 602 مىڭ يۈەن مەبلەغقە ئېرىشكەن . 
    ئىلگىرى 
  ئىزدىنىش كۆپ خىللاشقان تىجارەتنىڭ ئۈلگىسى
  خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ، نەنجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك چوڭ كۆلەملىك تەنتەربىيە مەيدان تىجارىتى باشقۇرۇش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا ، دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈۈش مەركىزى ئۈلگە ئورنىدا بۇ قېتىمقى تىجارەت باشقۇرۇش ۋە سىرتقا ئېچىۋىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ تەجرىبە دوكلاتىدا مىسال قىلىپ سۆزلەندى . بۇ دولات  بېيجىڭنىڭ يېڭى شەھەر ئۆلچىمى بولۇش بىلەن ، دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزى بىر پۈتۈنلەي يېڭى بولغان تىجارەت شەكلىنى ئىزدىنىۋاتىدۇ ، " كۆپ خىللىشىش " بۇنىڭ ئاساشى بولغۇسى بۇلۇپ ، مەيداننىڭ " ئومۇنىي قىياپىتى " نىڭ ئاساسىي بولدى .