قىزىلچىنى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى

0 2011-08-17 12:08:56   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    1. ئۇرۇق بىر تەرەپ قىلىش
      تېرىشتىن بۇرۇن ئۇرۇقنى 3-2 كۈن ئاپتاپقا سېلىپ، بىخلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەمدە1kg  270819 - net(جياجىليۇخۇەنلىن) نى 50kg سۇدا ئېرىتىپ، ئۇنىڭغا 50kg ئۇرۇقنى 24 سائەت چىلاپ تېرىسا، مايسا مەزگىلىدە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئالغىلى بولىدۇ. ئادەتتە 4 - ئاينىڭ 101 - كۈنىدىن باشلاپ، تېمپېراتۇرا6 گىرادۇسقا مۇقىملاشقاندا تېرىش كېرەك.
      2. ئوغۇتلاش
      قىزىلچىنىڭ ئوغۇتقا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولۇپ، ئازوت، فوسفور، كالىيغا بولغان ئېھتىياجى ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 6.1، 2، 3 ھەسسە كۆپ. قىزىلچىغا ئاساسىي ئوغۇت، قوشۇمچە ئوغۇت ۋە ئۇرۇق ئوغۇتىنى تولۇق بېرىش كېرەك. مەھەللىۋى ئوغۇتنى ئاساسىي ئوغۇت قىلىپ، ھەر مو يەرگە2000- 3000kgبېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىغا قاراپ مەخسۇس ئوغۇت قوشۇش كېرەك. بىرىكمە ئوغۇت ياكى مەخسۇس ئوغۇتنى ئۇرۇق ئوغۇتى قىلسا بولىدۇ، ھەر مو يەرگە 15-20kgدى ئاممونىي فوسفاتنى ئۇرۇق ئوغۇتى قىلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
      3. پەرۋىشىنى كۈچەيتىش
      (1) چوڭقۇر چاناپ، ئوبدان توپا يۆلەپ، ئوت - چۆپ يوقىتىش، بالدۇر مايسا تاقلاپ، مايسا بېكىتىش، چاغلاپ توپا يۆلىگەندە يىلتىز ۋە يوپۇرماقلىرىغا زەخىم يەتكۈزمەسلىك، بولۇپمۇ ئاخىرقى مەزگىلىدە يوپۇرمىقىنى چۈشۈرىۋەتمەسلىك كېرەك.
      (2) 6 - ئاينىڭ باشلىرى مايسا بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئازوتنى ئاساس قىلىپ، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىغا قاراپ، مۇۋاپىق، بالدۇر ئوغۇتلاش كېرەك. ئادەتتە ئىككىنچى قېتىم چاناپ، توپا يۆلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، 10-15cm چوڭقۇرلۇقتا، ھەر مو يەرگە 10-15kgئۇرېيە ياكى 25kg ئاممونىي نىترات بەرسە بولىدۇ.
      (3) ھەر يىلى 8 - ئايدا قاتكۆك (كاللەكبەسەي) لېۋكانىيە سېپاراتا قۇرتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. لىچىنكىسىنى %2.5 دېكامېتىرىن بىلەن يوقاتسا بولىدۇ. بۇنىڭدا 15lm دورىنى50kg سۇدا ئېرىتىپ پۈركۈسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زەھىرى تۆۋەن، قالدۇقى ئاز دورىلارنى تاللاپ، قوڭۇر داغ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇنىڭدا دېكامېتىرىننىڭ 3000-25000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈسە بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر