بۇ قېتىمقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچىلىقىغا ئاشكارا تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە بولۇپ، يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 9-ئاينىڭ 17-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى (www.xjrsks.com.cn) دە تىزىملىتىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى بىلەن ئوخشاش توردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرىشتىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچىلىقىنىڭ ئورۇن ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، بۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش چەكلىمىسى «18 ياشتىن يۇقىرى، 25 ياشتىن تۆۋەن»، توي قىلمىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئىمتىھان بېرىدىغان ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.70، قىزلارنىڭ 1.60 بولۇشى، شۇنداقلا «مەمۇرلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىشتىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۇنىۋېرسال ئۆلچىمى» ۋە «مەمۇرلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىشتىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئالاھىدە ئۆلچىمى» دىكى بەدەن ئەھۋالىغا ماس كېلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ يېڭى بەدەن ئىقتىدارىنى سىناش ئۆلچىمى» گە ماس كېلىشى كېرەك.
بۇ قېتىمقى ئاساسىي قاتلام سىياسىي ۋە قانۇن يۆنىلىشىدىكى مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش ۋە تۆت ئۆلكە ئوبلاستتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچىلىرىنى قوبۇل قىلىشتا، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتلىرى ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن ئوقۇش تارىخى، يېشى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئايرىم-ئايرىم پەرق بار بولغاچقا، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن ئىمتىھانغا تىزىملىتىش نىزامنامىسىدىكى ھەر قايسى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ تەلىپى، ئۇنىۋېرسال بەدەن سۈپەت ئەھۋالى، قوشۇمچە ئەھۋاللارنى ئويلىشىپ سەمىمىيلىك بىلەن ئىمتىھانغا تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
بىر پارچە خەت 14 ياشلىق تۇغما مېيىپ ئوغۇلنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەر...
ئالجىرىيەدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلتىش شەكلىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋ...
ئىراقنىڭ كۇتلېر شەھىرىدە ئىككى قىتىم پارتىلاش يۈز بېرىپ 80 ئ...
ئارگېنتىنانىڭ بىر ماي پاراخوتى بىلەن پاراگۋاينىڭ بىر چاتما ...
مارگىرىت موماي يەڭگىسىنىڭ ئاتكىرتكىسىنى 57 يىلدىن كېيىن تاپ...
غەۋۋاسلار يەر تەۋرىگەن دېڭىز ئاستىدىن غايەت زور يېرىقنى باي...