تاجىكىستاندا پاختا باھاسى زور نىسبەتتە ئۆرلىدى

0 2011-08-04 16:25:13   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاجىكىستان چىگىتلىك پاختىسىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 1000 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، تاجىكىستان چىگىتلىك پاختىسىنىڭ باھاسى ھېچقاچان بۇنداق يۇقىرى بولۇپ باقمىغانىدى. 2008 - يىلى ۋە 2009 - يىللىرى چىگىتلىك پاختىنىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 500 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشمىغانىدى.
      تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە پاختىنىڭ باھاسى يەنە ئۆسىدىكەن، چۈنكى دۇنيا بازىرىدا كەلگۈسى 4-3 يىل ئىچىدە پاختا كەمچىل بولۇش ئەھۋالى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر بولىدىكەن. نۆۋەتتە، تاجىكىستان 308 مىڭ توننا پاختا ھوسۇل ئالغان بولۇپ، يەنە 3000 توننىدىن ئارتۇق ھوسۇل ئېلىشنى مۆلچەرلىمەكتە. بۇ يىل تاجىكىستان پاختا ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى ھەر گېكتارى 19 سېنتنېر بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەر گېكتارى 24 سېنتنېرغا يېتىدۇ. تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كەلگۈسىدە تاجىكىستان يەنە پاختا تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، 2 مىليون گېكتارغا يەتكۈزىدىكەن. 2010 - يىلى تاجىكىستاننىڭ پاختا تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1 مىليون 632 مىڭ گېكتار بولغانىدى.
      تاجىكىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا باشقارمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلىنىڭ يىل بېشىدىن باشلاپ تا بۈگۈنگە قەدەر، 59 مىڭ100توننا ساپ پاختا سېتىلغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 90 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان. تاجىكىستان پاختىسىنى سېتىۋالىدىغان دۆلەتلەر ئاساسلىقى رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراندىن ئىبارەت. 0102 - يىلى 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە تاجىكىستان ساپ پاختىسىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 1563 ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 479 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر