ئۈرۈمچى لىنىيىسى خەۋىرى، 8-ئاينىڭ3-كۈنى سائەت 9 دىن 25 مىنۇتلار ئەتراپىدا، نېفىتلىك يېڭى كەنتى جىيۇجىياۋەن يولى شىمالى مەھللىسىدىكى شىنجاڭ جىجىن قۇرۇلۇش شىركىتى كەپىلىك مەھەللىسىنى ئۆزگەرتىپ ياساش تۈرىنىڭ بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدا ۋاقىتلىق لىفىت چۈشۈپ كېتىش ۋەقە يۈزبېرىپ، بىر مەشغۇلاتچى خادىم ۋە ئىككى نەپەر ئىشچىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
سائەت 10 لار ئەتراپىدا، قۇرۇرلۇش مەيدانىغ كىرىدىغان ۋەقە مەيدانى ساقچىلار تەرىپىدىن تاقىۋىتىلگەن، ئۆي سېتىش مەركىزىنىڭ ئالدى ئادەم بىلەن لىق تولۇپ كەتكەن.
ۋەقە قارشى تەرەپتىكى بىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدە يۈزبەرگەن، مۇخبىر ئۆي سېتىش مەركىزىنىڭ ئالدىدا ئېغىر دەرىجىدە شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن ۋاقىتلىق لىفىتنى كۆرگەن،ۋاقىتلىق لىفىتنىڭ بىر ئىشىكىمۇ چىقىپ كەتكەن.
ئېگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش مەيدانىدا 9 بىنا بولۇپ، ھەربىربىنانىڭ ئېگىزلىكى 30 قەۋەت ئىكەن، ۋەقە يۈز بەرگەن بىنا 7- بىنا ئىكەن، ۋاقىتلىق لىفىت چۈشۈپ كېتىپ بىر نەپەر مەشغۇلاتىچى خادىم ۋە ئىككى نەپەر ئىشچىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئىككى ئەر ، بىر ئايال ئىكەن، ئايال بولسا ۋاقىتلىق لىفىتنى ھەيدەيدىكەن. ۋەقە يۈ زبەرگەن جايدا بىر كۆزئەينەك تاقىغان، ئاق كۆڭلەك كىيگەن ئەر كەيپىياتى ناچار بولۇپ، نەچچە قېتىم ۋاقىتلىق لىفىتقا يېقىنلاشقان، بىراق ساقچىلار تەرىپىدىن توسىۋىلىنغان، نەق مەيداندىكى بىې ئىشچىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەرنىڭ دادىسى ۋەقەدە قازا قىلىپ كەتكەن ئىكەن.
يۈزلىگەن ئىشچى قوللىردىكى ئىشنى تاشلاپ ، بەس-بەستە تاقىۋىتىلگەن جاينىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ مۇنازىرلەشكەن.
بىر نەپەر ئسىمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ئىشچىنىڭ دېيىشىچە، سائەت 9 دىن ئاشقاندا، 7-نومۇرلۇق بىنادىكى ۋاقىتلىق لىفىت 27- قەۋەتتىن ئۆي سېتىش مەركىزىنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ كەتكەن، چۈشۈپ كەتكەن ئېگىزلىك ئاز دېگەندە 60 مېتىر كىلىدىكەن. بۇ ئىشىچى:« ئەينى چاغدا ۋاقىتلىق لىفىت چۈشۈپ كەتكەندە قورقۇپ كەتتىم. تېخى ئۇنىڭ ئىچىدە ئادەم بار، بولمىسا ۋاقىتلىق لىفىت ئۈستىگە چىقالمىغان بولاتتى» دېگەن.
يەنە بىر ئىشچىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت خىزمەت ۋاقتى ئەمەس بولۇپ ، ئۇنداق بولمىغان بولسا ، ۋاقىتلىق لىفىتنىڭ ئىچىدە ئون نەچچە ئادەم بولىدىكەن.
ۋەقەدىن كېيىن، بىر قىسىم ئىشچىلار تەشۋىشلەنگەن، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەرلىكنى قايتا-قايتا تەكشۈرىشىنى، قۇرۇلۇش مەيدانىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقىپ ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەردىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلغان.
قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى مەسئۇل خادىملار بۇ ۋەقەنى بىرتەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپلا ، زىيارەتنى رەت قىلغان.
شەھەرلىك بىخەتەرلىك نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىملىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ۋەقە تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا تەكشۈرىلىۋىتىپتۇ.