bloombergشىركىتى ئېلىپ بارغان ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 2011 - يىلىدىكى مەبلەغ جەلپ قىلىش كۈچى ئەڭ زور دۆلەتلەر ئىچىدە رۇسىيە 6 - ئورۇندا تۇرىدىكەن.
بۇ قېتىمقى ئەل رايىنى سىناشتا، زىيارەتچىلەردىن 2011 - يىلى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر توغرىسىدىكى قارىشى سورالغان. %33 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى جۇڭگو، دەپ جاۋاب بەرگەن؛ %31 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى برازىلىيە، دەپ جاۋاب بەرگەن؛ %29 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ھىندىستان، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئامېرىكا دەپ قارايدىغانلار %23 نى، ئافرىقا دەپ قارايدىغانلار %11 نى، رۇسىيە دەپ قارايدىغانلار %10 نى ئىگىلەيدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ جەلپ قىلىش كۈچى ئەڭ ئاجىز دۆلەتلەر توغرىسىدا سورالغاندا، %37 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ياۋروپا ئىتتىپاقدىشى، دەپ قارىغان؛ %30 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ياپونىيە، دەپ قارىغان؛ %24 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئامېرىكا، دەپ قارىغان؛ %22 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئەنگلىيە، دەپ قارىغان.
ھەمبەھىرلىنىڭ