يېقىندا توردا:‹23-ئىيۇل تۆمۈر يول قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى 30-ئىيۇلدىن بۇرۇن تۆلەم بېرىش كىلىشىمىگە ئىمزا قويمىسا ،تۆلەم بېرىش كىلىشىمىنى بىكار قىلىدىكەن ›دېگەن خەۋەر تارقالغانىدى ،‹23-ئىيۇل ۋەقەسىدە ›نى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى 31-ئىيۇل بۇ خەۋەرگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى :بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز پىتنە -ئىغۋا .بىز ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ،ۋەقەدىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئاساساىي پىرىنسىپ قىلىپ كەلدۇق ؛پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ ،قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار نىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز .