تۇنجى نۆۋەتلىك جوڭگو -ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن شەھرىمىزدىكى 20مىڭغا يېقىن تاكسى شوپۇرى بىر خىلدا كىيىنىدۇ .
‹خۇڭدا ›ئاپتوموبىل كالونىنىڭ مەسئۇلى پەن فېڭشىياڭ بىر خىل كىيىنىش توغرىسىدا مۇنداق دېدى :‹يېشىل رەڭ مۇھىت ئاسرايدىغان رەڭنى بىلدۈرىدۇ ،بىز كالونىمىزدىكى تاكسى شوپۇرلىرىغا بىر تۇتۇش يىشىل رەڭلىك مايكا كىيدۈرۈش ،ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسى چۈشۈرۈلگەن ئىزنەك تارقىتىش ئارقىلىق ،شەھرىمىزدىكى يېشىلىققا تولغان مۇھىت ئاسراش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ ،دۆلەت ئىچى -سىرتىدىن كەلگەن ئۈرۈمچىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ ،بىز بۇ قېتىم كىيىم ۋە ئىزناكتىن باشقا پۇت پالىزىنى ئالماشتۇردۇق ،بۇنداق قىلىشىمىز ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن ،بەلكى يەنە ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدىكى ئىنچكە نۇقتىلارغىمۇ ئەھمىيەت بەرگۈزۈشتۇر ›.
‹خۇڭدا ›كىرا ئاپتوموبىل ئاممىۋى قاتناش شىركىتىمۇ ئىيۇندىلا ئاق رەڭلىك مايكىدىن ئىككى يۈرۈشتىن تارقاتقان .‹بېييۈەنچۈن›ئاپتوموبىل ئەترىتى سۇس كۆك رەڭلىك مايكا تارقاتقان .
ھەمبەھىرلىنىڭ