1-مايدىن باشلاپ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشلىرىغا جىنايەت جازا بېرىلگەندىن بۇيان ،ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى .بۇ يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ،مەستلەرگە ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش كەسپىنىڭ بازىرى چىقىشقا باشلىدى .
مەستلەرگە ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىندىغان ‹خۇڭدا ›ئاپتوموبىل مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى لى خېشەننىڭ ئېيتىشچە ،ئۇ 2010-يىلى فېۋرالدا بۇ شىركەتنى قۇرۇپ تىجارەت باشلىغان ،دەسلەپتە شىركەت زىيان تارتىپ كەلگەن ،مايدىن باشلاپ بۇ كەسىپ جانلىنىپ ،شىركەتنىڭ ئەھۋالىمۇ ياخشىلانغان .