بەش ياشلىق قىزنىڭ تېنىدىن ئۈچ يىڭنە چىقتى

02011-07-26 11:59:21   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     بېيجىڭ تىيەنتەن دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسىسلەر يېقىندا بەش ياشلىق قىزنىڭ پىشانىسى،بوينى ۋە قورسىقىدىن ئۈچ يىڭنىنى ئالدى .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى :بۇ يىل مارتتا ئۇ قىز تاغىسىنىڭ ئۆيىدە ئويناۋېتىپ تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشكەن ۋە يۈزى سېزىمىنى يوقاتقان ،كېيىن ئۇنىڭدا كۆڭلى ئېلىشىش ،ياندۇرۇش ۋە ھوشسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.دەسلەپتە دوختۇرلار بۇ قىزنى ئاشقازان ياللۇقى ،دەپ دىئاگنوز قويۇپ داۋالىغان ،ئەمما ئۇنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمىغان ،بېيجىڭدىكى دوختۇرلار    ctئاپراتىدا تەكشۈرگەندىن كېيىن ،ئۇنىڭ باش ،بويۇن ۋە قورساق قىسىمدا بىنورماللىق بارلىقىنى بايقىغان ئىكەن .

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر