27 قەۋەتلىك ئۆيدە 600 ئادەم بەش ئادەمگە مۇلازىمەت قىلىدىكەن

11526 2011-05-23 12:13:41   www.basbas.cn   نادىل
T|T:خەت رەزمىرى

تەيۋەن «بىرلەشمە گېزىتى» نىڭ 23-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ھىندىستان ئاپتوموبىلچىلىقىدىكى باشلامچى كارخانا تاتا گوروھىنىڭ باش لېدىرى تاتا ئەپەندىنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان، تاتا ئەپەندى ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ باي مۇكاش ئامبانىنىڭ 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ سالغانلىقىنى ئەيىپلىگەن، ھەمدە ، «مەن بەزى كىشىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن، ئىنقىلاپ مانا مۇشۇنداق ئىشلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.» دىگەن.
ئۇ يەنە ، ئېسىل ئۆيلەردە تۇرالىغان ئادەم، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك، ئۆزىدىن يەنە باشقىچىرەك ئىش قىلىپ باشقىلارغا يەردەم قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىنى سوراپ بېقىشى، ئەگەر ئۇ قىلالمايمەن دەپ جاۋاب بەرسە، ئۇ چاغدا ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئىش بولىدۇ، دىگەن.
73 ياشلىق تاتا زىيارەت داۋامىدا ھىندىستاننىڭ باي كەمبەغەللىك پەرقى مەسىلىسىدە توختالغاندا، ھىندىستان ھازىر بىر ئادەمنىڭ بايلىقلارنى تەقسىملەپ بېرىشىگە، ھەمدە بىر ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىپ بېرىشىگە مۇھتاج، دىگەن.
بۇ مەخسۇس زىيارەت ئېلان قىلىنغاندىن  كىيىن، تاتا گوروھىنىڭ باياناتچىسى 22-ماي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، تاتا ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى ھىندىستاندىكى باي كەمبەغەللىك مەسىلىسىدىن ئىبارەت، ھەرگىزمۇ ئامبانى ئەپەندىنىڭ ئېسىل تۇرالغۇسىغا قارىتىلغان ئەمەس، خەۋەردە دىيىلگىنى بۇرمىلانغان، كۆپتۈرۈلگەن سۆزلەردۇر، دىگەن.
ئامبانى ئەپەندى بولسا ھىندىستان «ساداقەت» گوروھىنىڭ خوجايىنى، مەرتىۋە قىممىتى 27 مىليارد دوللار، ئۇنىڭ تۇرالغۇسى «ئاندىلا» بىناسىنىڭ ئىگىزلىكى 173 مېتىر، جەمئىي 27 قەۋەت، ئۇ مومباي شەھىرىنىڭ مەركىزىدە، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 2 مىليارد دوللار چىقىم قىلىنغان، بىنا ئۆگىزىسىگە ئۈچ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان قونالايدىغان بولۇپ، ئايرۇپىلانلارنى باشقۇرۇش مەركىزىمۇ بار. بىناغا توققۇز لېفىت، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، سۇ بىلەن داۋالاش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، گۈللۈك ۋە 50 كىشلىك كىنوخانا قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 1-قەۋەتتىن 6-قەۋەتكىچە بولغان ئارلىق 160 ماشىنا توختىيالايدىغان ماشىنا توختىتىش مەيدانى.
«ئاندىلا» نىڭ ئومومىي كۆلۈمى بەش دانە پۇتبول مايدانىغا تەڭ كېلىدۇ، لىكىن بۇ بىنادا پەقەت ئامبانى ئائىلىسىدىكى بەش ئادەملا تۇرىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا 600 دىن كۆپرەك ئادەم شۇ بەش ئادەم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر