«جىڭۋۇ سارىيىدىكى بوران-چاپقۇن»نىڭ تاۋۇز چاغىنىدىكى بېلەت كىرىمى 65 مىليون يۈەنگە يەتتىبېلەت كىرىمى چېمپىيون قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

«جىڭۋۇ سارىيىدىكى بوران-چاپقۇن»نىڭ كىنو سۈرىتى
خەلق تورى شادلىق قانىلى خەۋىرى. ليۇ ۋېيچياڭ، چېن جياشاڭ، جىن زىدەن زور كۈچ بىلەن پۈتتۈرگەن جانبازلىق فىلىمى- «جىڭۋۇ سارىيىدىكى بوران-چاپقۇن - چېن جېن»نىڭ ئىچكىرىدىكى بېلەت كىرىمى 24-سېنتەبىرگىچە 65 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بېلەت كىرىمى جەھەتتە تاۋۇز چاغىنىدىكى چېمپىيون بولۇپ، «چۈش»نىڭ 1-سېنتەبىردىن بۇيان ئۇدا ئۈچ ھەپتە بېلەت كىرىمى جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا تۇرۇشتەك ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.
«جىڭۋۇ سارىيىدىكى بوران-چاپقۇن- چېن جېن»دا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-، 30-يىللىرىدا چېن جېننىڭ ياپونىيە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش گۇرۇھى بىلەن تىركەشكەنلىكى ھېكايە قىلىنغان، كىنودىكى ئېلىشىش كۆرۈنۈشلىرى ناھايىتى قالتىس، ئارتىسلارنىڭ ماھارىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولغان، كىنودا يەنە خېلى كۆپ پارتلاش كۆرۈنۈشى، مۇھەببەت ھېكايىسى بار. بۇ كىنو ئائىلە بويىچە بىللە كۆرۈشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.