نۇر بەكرى:توراداشلارنىڭ پىكىرلىرىگە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرۇش مېخانىزمىنى تۇرغۇزىدۇ،دېدى

7090 2010-08-23 13:07:54   خەلق تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 20-ئاۋغۇست <<خەلق>>تورىدا تورداشلارغا ئوچۇق خەت يوللاپ،شىنجاڭنىڭ تورداشلارنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىگە قەرەللىك تۈردە جاۋاپ قايتۇرۇش مىخانىزمىنى تۇرغۇزۇشنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇر بەكرى ئوچۇق خېتىدە مۇنداق دېگەن:<<تورداشلار <خەلق>تورىنىڭ <يەرلىك رەھبەرلەرگە خەت> ئىستونىدا نۇرغۇن كونكرېت مەسىلىلەر ھەم تەكلىپلەرنى بېرىپتۇ.كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بۇنداق ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشى خىزمەتلىرىمىزنى ياخشى ئىشلىشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.بىراق ،ھەممىگە ئايان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن،تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدۇق.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمىز>>.
ئۇ مۇنداق دېدى:<<ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئاۋامنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش ،ئەھۋالىنى چۈشىنىش،ئەقىل پاراسىتىنى جۇغلاش ئىلمىي دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ،ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بىر مۇھىم يول.
بىز كەڭ تورداشلارنىڭ بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ،قەرەللىك تۈردە جاۋاپ قايتۇرۇش مىخانىزمىنى تۇرغۇزىمىز>>.
نۇر بەكرى تور ئەھلىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ،مەدەت بېرىپ ،نازارەت قىلىپ،كەمچىللىكى بىلەن يىتەرسىزلىكىنى تەنقىدلىشىنى ئۈمىد قىلدى. 
 
مەنبە: خەلق تورى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر