20–چىسلا چۈشتىن كېيىن كەييۈەن شەھىرى يۈەنباي كەنتىدە 62 ياشلىق موماي مۇخبىرلارغا دەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ 9 ياشلىق نەۋرىسى جىنجىن لۇڭچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى يۇقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىلاردىن دائىم تاياق يەيدىكەن، ھەم خورلىنىدىكەن. ئەمما مۇخبىرنىڭ ئىگىلىنىشىچە، مەكتەپتە خورلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار پەقەت جىنجىنلا ئەمەس ئىكەن .
جىنجىن باشلانغۇچ مەكتەپ 3–يىلللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ،6–ئاينىڭ 26–كۈنى چۈشتىن كېيىن ، جىنجىن ۋە ئۇنىڭ بىرنەچچە ساۋاقداشلىرى مەكتەپكە بارماي ئۈيىدە ئولتۇرغان. جىنجىننىڭ مومىسىغا ئېيتىپ بېرىشىچە ،يۇقىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنى دائىم ئۇرۇپ خارلىغاچقا ئۇلار مەكتەپكە بېرىشقا پېتىنالمايدىكەن . ھەمدە جىنجىن باشلانغۇچ 2–يىللىقتىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ خورلىشىدىن قۇتۇلالماپتۇ. مومىسى بۇ ئىشنى ساقچى ئىدارىلىرىغا ئىنكاس قىلغان.
ساقچىلارنىڭ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلىغاندىن كېيىن ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا دىلو تۇرغۇزۇلمايدىكەن. ئەمما مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى ، ئاتا – ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىغا بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىشى توغرىسىدا مەكتەپ رەھبەرلىكى بىلەن كۆرۈشۈشتى.
مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئىشنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئىنىقلاپ بۇ ئىشنىڭ قايتا سادىر بولىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...