
107 ياشلىق تالۇنتا بىلەن 101 ياشلىق ئايالى فىلىسى
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 7–ئاينىڭ 19–كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئەنگىلىيىدىكى بىر ياشانغان بوۋاي ئۆزىنىڭ 107 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ھەمدە ئايالى بىلەن توي قىلغانلىقىنىڭ 77–يىللىق خاتىرە كۈنىنى بىللە ئۆتكۈزگەن. ئۇلار ئۆز–ئارا ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ ئۇلار ئىككىسىنىڭ يېشىنى قوشقاندا 208 ياش بولۇپ ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بىر جۈپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇلار مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سىرىنى ئېيتقاندا مۇنداق دېگەن: « بىز ئادەتتە ناھايىتى ياخشى ئۆتىمىز، كۈندىلىك يىمەك– ئىچمەك ناھايىتى تەرتىپلىك، دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرىمىز، تاماكا چەكمەيمىز، كۈندە كەچ بىر ئىستاكان شانپان ئىچىمىز» دېگەن.