ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> خەلقئارا خەۋەرلەر >>
ھىرالى بىلەن ئىرانلىق ئالىمنىڭ قايسىسىنىڭ راست؟
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-16 12:37:10  يازغۇچى:نادىل  كىلىش مەنبەسى:باس - باس تورى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئىران دېپلوماتىيە باياناتچىسى 14-چىسىلا، ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىران يادرو ئالىمى سەھرام،ئامىل ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىپ، ئۈچىنچى دۆلەت ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىر 32 ياشقا كىرگەن ئامىل يوقاپ كېتىپ بىر يىلدىن كېيىن، 13-چىسىلا تۇيۇسىز پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پەيدا بولدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ بىر قېتىملىق "نۇمۇسسىز ھەرىكىتى دە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.لېكىن ئامېرىكا تەرەپ، ئامىل ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئامېرىكىغا بارغان، يەنە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەتتى دېدى.ئىككى تەرەپنىڭ گېپىدە بىر-بىرىگە زىتلىق بار.ئامېرىكا دۆلەت ئەلچىسى ھېرالى 13-چىسىلا مۇخبىرلارغا، ھىچقانداق نەرسە ئامىلنىڭ دۆلىتىگە قايتىشىنى توسالمايدۇ، ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئايرىلسا بولىدۇ، يەنە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قېلىپ قالسا بولىدۇ، بۇنى پۈتۈنلەي ئۇ ئۆزى بەلگىلەيدۇ، دېدى.ئۇ، شەخسى ئىرادىسى بويىچە ئامېرىكىغا كەلگەن ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇپ قالغان ئىران يادرو ئالىمى ئامىل، پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئايرىلسا بولىدۇ دېدى.شۇ كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باياناتچىسى فىلىپ ئامىل ئامېرىكىدا بىر مەزگىل تۇردى، ئامېرىكا ھۆكۈمېتى بىلەنمۇ ئۇچىرىشىپ تۇردى، بىز ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى مەزگىلدە خورلىنىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. ئاخىرىدا ئۇ ئۆزى ئىرانغا قايتىشنى قارار قىلدى. دېدى. ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ياندۇرۇپ سوراپ،ئەگەر ئامېرىكا ئۇنى تۇتقۇن قىلغان بولسا ئۇ قانداقچە پاكىستاندا پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟دېدى.ھىرالى 13-چىسىلا :ئەمەلىيەتتە، ئۇ تۈنۈگۈن   12-چىسىلا ئىرانغا قايتقان، لېكىن ئۈچىنچى دۆلەتتىن ئۆتۈشتە كېرەكلىك ھۆججەتلەرنى تولۇقلاشقا ئامالسىز قالغان.دېدى. ئىران دېپلوماتىيە باياناتچىسى 14-چىسىلا، ئامىل ئامېرىكىدىن ئىرانغا قايتىش سەپىرىنى باشلىدى، دېدى. ئىران دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ خەۋىرىدە، 12-چىسىلا كەچ، قوراللىق خادىملارنىڭ ئېلىپ مېڭىشى بىلەن، ئامىل پاكىستان ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ كېلىندى، دېيىلدى.ئامېرىكا-ئىران ئىككى دۆلەت 1980-يىلى ئالاقىنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئىران پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ۋەكىل ئورنى تەسىس قىلغان، ئامېرىكا ئىراننىڭ شىۋىتسارىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ۋكىل ئورنى تەسىس قىلغان. پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىدا تەسىس قىلىنغان ئىران ۋەكىل ئورنىنى ئىرانلىقلار باشقۇرىدۇ، ئاساسلىق پەرمان ھۆججەتلەرنى ساقلاش، ئىمزا قويۇپ تارقىتىش، ساياھەت مەسلىھەتى بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدۇ.ئىران ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا، ئامىل مەدىنىگە ھەجگە بارغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان چىگرىسى ئىچىدە يوقاپ كەتكەن.ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئامىلنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئىران ھۆكۈمېتى ئارقا-ئارقىدىن ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بۇ ئىران يادرو ئالىمىنى تۇتقۇن قىلدى دەپ ئەيبلىگەن.ئامېرىكىدىكى پۈتۈن خەۋەر قاناللىرىدا بولسا، ئامىل ۋەتىنىدىن يۈز ئۆرۈپ ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلاشتى دېيىلگەن. ۋاشنگتون تەرەپ ئىزچىل ئامېرىكا يادرو مەخپىيەتلىكى ئۈچۈن ئامىلنى ئالداپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.لېكىن، 13-چىسىلا ۋاشنگتوندا تۇرۇشلۇق پاكىستان ئەلچىخانىسى تېلفۇن ئارقىلىق دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ئامىل:مېنى تۇتقۇن قىلىش ئامېرىكىنىڭ نۇمۇسسزلارچە قىلمىشى، ئۆتكەن 14 ئاي ئىچىدە، مەن زور روھىي بېسىمغا ئۇچراپ، قوراللىق ئالاھىدە خادىملارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولدۇم. دېدى.ئىسپانىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرى مانۇچخېر.مۇتاجى13-چىسىلا جىددى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئامىلنىڭ چوقۇم ۋەتەنگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.ئىران دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى رامىن.مەخپاراس  ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئامىل ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىدى، ئىران داۋاملىق قانۇن ۋە دېپلوماتىيە ۋاستىسى بىلەن بۇ ئىشى سۈرۈشتۈرىدۇ، دېدى.ئامىلنىڭ ئۆزى مۇنداق دېدى:ئىران تېلىۋىزىيە تور پونكىتى 14-چىسىلا خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېدى، ئامىل، ئامېرىكا ئۇنىڭغا 10 مىلىيۇن دوللار بېرىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دۆلەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىنى جاكارلاشنى ئېيتقانلىقىنى دېدى.ئامىل ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئىران تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ئامېرىكا ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراش جەريانىنىڭ ھەممىنى ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ئېيتىپ بېرىدىغانلىقىنى دېگەن.ئامىل يەنە:ئىراندا، مەن چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمېتىنىڭ ئەيبلىشىگە رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىمەن. دېدى. ئۆتكەن نەچچە ئاي، ئىنتېرنېت تورىدا ئامىلغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار توختىماي كۆرۈنۈپ تۇردى، ۋە ئۆز-ئارا زىت بولۇپ كەلدى. ئامىل 13-چىسىلا، ئۆزى بەزى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى تورغا يوللىغان. توردىكى ماڭا بولغان باھالار سەۋەبىدىن، ئامېرىكا مەخپىي ھالدا مېنى دۆلىتىگە قايتۇرىۋىتىش شەكلى بىلەن، بۇ تۇتقۇن قىلىش ھېكايىسىنى ياپماقچى بولدى. ئۇلار بۇ ئويۇندىكى مەغلۇب بولغۇچى ئادەم ئالماشتۇرۇش بەلكىم بىر يان كۆرۈنۈش ئامېرىكا بىلەن روسىيە تېخى يېقىندا ئۆز-ئارا جاسۇسلىرىنى ئالماشتۇرغان. بۇنىڭغا قارىتا، ئىراننىڭ يېرىم ھۆكۈمەت تەرەپ ۋاستىسى پارس ئاگېنتلىقى خەۋەردە، يوشۇرۇن ھالدا، ئامېرىكىنىڭ ئامىلنى قويۇپ بېرىشى ئىران ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئاكتىپ پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى دېدى.ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باياناتچىسى (كراۋلى)13 چىسىلا، ئامىل ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىپ كەتسە بولىدۇ، ئامېرىكىنىڭ  ئۈچ نەپەر ساياھەتچى ياشلىرىغا ئوخشاش، رۇخسەت قىلىنمىغان ئەھۋالدا ئىراننىڭ تۈرمىسىگە قامىلىپ قالمايدۇ، ئۇلار ھەقىقىي مەجبۇرىي ھالدا ئىراندا تۇرۇپ قالغانلار دېدى.شۇ كۈنى ھىرالىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىران ھۆكۈمېتى يەنىلا ئىراقتىن خاتا ھالدا ئىرانغا كىرىپ قالغان ئۈچ نەپەر ئامېرىكا ياشلىرىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتىدۇ، ئامېرىكا ئىراننى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ.ئامېرىكا تەرەپ بۇ 3 ياشنى ساياھەت قىلىپ تاغقا ياماشقۇچىلار دېدى، بىراق ئىران تەرەپ، ئۇلارنىڭ جاسۇسلىقىدا گۇمان يوق دېگەندە چىڭ تۇردى. ئىران ھۆكۈمېتى بۇ ئۈچى بىلەن ئامىلنى ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى دېدى.

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0716/article_9292.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
ھىرالى بىلەن ئىرانلىق ئالىمنىڭ قايسىسىنىڭ راست؟
ھىرالى بىلەن ئىرانلىق ئالىمنىڭ قايسىسىنىڭ راست؟
Yahoo ئىزدەش مۇلازىمىتى سىنىقىنى مۇشۇ ئاي باشلىماقچى
Yahoo ئىزدەش مۇلازىمىتى سىنىقىنى مۇشۇ ئاي باشلىماقچى
دۆلتىمىزدە تور نامى شىددەت بىلەن ئازىيىپ كەتتى
دۆلتىمىزدە تور نامى شىددەت بىلەن ئازىيىپ كەتتى
گۇاڭدوڭلۇق پۇلدار شەخسي تىك ئۇچار بىلەن ئوغرىنى قوغلىدى
گۇاڭدوڭلۇق پۇلدار شەخسي تىك ئۇچار بىلەن ئوغرىنى قوغلىدى
ئامېرىكا كورىيە تەرەپ بىلەن سۈلھىلىشىۋېتىپتۇ
ئامېرىكا كورىيە تەرەپ بىلەن سۈلھىلىشىۋېتىپتۇ
ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇقنىڭ غەلىبىلىك پېچەتلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى
ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىۋاتقان قۇ...
كۈنلۈكنى پاراشوت دەپ ئويلاپ بىنادىن سەكرەپ قاچماقچى بولغان بالا
كۈنلۈكنى پاراشوت دەپ ئويلاپ بىنادىن سەكرەپ قاچماقچى بولغان بالا
سىچۈندە ئەملەش دورىسى ئەكىس تەسىر قىلدى
سىچۈندە ئەملەش دورىسى ئەكىس تەسىر قىلدى
ئەدبىىيات سەنئەت بىلىملىرى
  • كەتتىڭ نىگار يىراققا(ئاينۇرى888)
  • ئـــاشىق
  • بىشىمنىڭ ئىچىمۇ تىشىمۇ قاتتى،قانداق قىلسام بولار؟
  • سۆيەرسەنمۇ ئەتىۋارلاپ ئۆلگۈچە(ئاينۇرى888)
  • جىنلار قانداق مەخلۇق؟
  • 16-ئىيۇل
  • سۆيەلمەيمەن ھېچكمنى سەندەك...
  • بــولــۇڭ، بـــولــمــاڭ
  • يىگىتلەرگە ياپتا گەپ ! (چەۋەنداز1605)
  • ھايات تامچىلىرى(چەۋەنداز1605)
  • رەھبەرنىڭ بىر سائەتلىك دەرسى (چەۋەنداز1605)
  • مۇنداق قىزلارغا كۆز قىرىڭىزنىمۇ سېلىپ قويماڭ!(چەۋەنداز1605)
  •  
     
    رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
    كىنو ئۇچۇرلىرى
    مۇنبەر يېڭىلىقلىرى
  • ماي پونكىتىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ جەسەت پاچاقلىنىپ كەتتى
  • بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك تۇرمۇش ساۋاتلىرى
  • چاشقاننىمۇ شۇنداق مەززە قىلىپ يىيەلەيدىكەن
  • بوۋاقلارنىڭ ياتاق ئۆيىدە كېچىدە چىراغ ياندۇرۇپ يېتىشقا بولمايدۇ
  • قۇمۇل ئۇيغۇر كەشتىچىلىكى توغىرىسىدا
  • ماۋۇ مودىللارغا قاراڭ!شۇنداقمۇ سەتلەشكەن بارمۇ؟
  • گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ باشلىقى فىلىپ لام توي قىلدى
  • بىشىمنىڭ ئىچىمۇ تىشىمۇ قاتتى،قانداق قىلسام بولار؟
  • مەن يېڭى ئەزا تىنا !
  • مۇھەببەت ھىسىياتىنىڭ قوزغىلىشى !
  • تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ