
15–ئىيۇل، مېكسىكا قولتۇقى دېڭىز تېگىدىكى نېفىت ئېقىپ چىقىۋاتقان قۇدۇقنى نازارەت قىلىدىغان كامېرا سىنغا ئالغان ۋېدىيودىن كېسىۋېلىنغان بۇ سۈرەتتە ، نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇققا يېڭى نېفىت تىزگىنلەش قاپقىقى ئورنىتىلغاندىن كېيىن ، قايتا نېفىت ئېقىپ چىقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن . مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگىنىگە ئۈچ ئاي بولاي دېگەندە ، يەنى 15–ئىيۇل ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى يېڭى نېفىت تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنىڭ سۇ ئاستىدىكى نېفىت ئېقىۋاتقان تۇرۇبا ئېغىزىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قاپلانغانلىقىنى ، ‹‹خام نېفىتنىڭ ئەمدى مېكسىكا قولتۇقىغا ئېقىپ كىرمەيدىغانلىقى›› نى جاكارلىدى.


