ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> شىنجاڭ خەۋەرلىرى >>
خەي شياۋپىڭنىڭ ئىلغار ئىش–ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-19 10:17:40  يازغۇچى:نادىل  كىلىش مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

جاڭ چۈنشيەن ، نۇر بەكرى دوكلات ئۆمىكى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

     يولداش خەي شياۋپىڭنىڭ ئىلغار ئىش – ئىزلىرىدىن بېرىش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ، ج خ مىنىستىرلىقى تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شىبىن بىلەن كۆرۈشتى
    چېڭ لىشىن خەۋىرى : 24 ياشلىق خەلق ساقچىسى قىسقىغىنە ھاياتىدا ‹‹خەلق ساقچىسى خەلق ئۈچۈن›› دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايوندىكى 1500 ج خ خەلق ساقچىسى ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى 18 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا يولداش خەي شياۋپىڭنىڭ ئىلغار ئىش – ئىزلىرىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى.دوكلات بېرىش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى دوكلات ئۆمىكى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن فۇ چياڭ، بەي جىجې كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

جاڭ چۈنشيەن خەي شياۋپىڭنىڭ دادىسى خەي جىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشتى

     خەي شياۋپىڭ ھايات چېغىدا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى تۇڭشىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى يۈۋاڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ئىدى. ئۇ قاچقۇننى قوغلاپ، ئۇدا ئىسمېنا قوشۇپ خىزمەت قىلىپ، چارچاپ كەتكەنلىكتىن يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى كېسىلى قوزغىلىپ، بۇ يىل 13 – مارت بەختكە قارشى ۋاپات بولغان، ئۇ قازا قىلغان كۈنى 25 ياشقا كىرىدىغىنىغا ئۈچ كۈن، توي مۇراسىمىغا 48 كۈن قالغان ئىدى.
 
    جاڭ چۈنشيەن كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: خەي شياۋپىڭنىڭ ئىش – ئىزلىرى ئاددىي ھەم تەسىرلىك، ئۇ 80 – يىللاردا تۇغۇلغان ياش بولۇش سۈپىتى بىلەن چەت، جاپالىق يېزا – بازار ساقچىخانىسىدا خىزمەت قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلغان؛ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئېلىپ، پايدا – مەنپەئەت بىلەن ھېسابلاشماي، زەھەر چەكلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ مۇقىملىقنى ساقلاش قاتارلىق ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىغان. خەي شياۋپىڭ پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق، ئۇنىڭ جىسمىدا 80 – يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ دەۋر ئىستىلى ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشى نامايان بولۇپلا قالماستىن، يېڭى دەۋردىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىمۇ نامايان قىلىنغان.
    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنداق مەزگىلدە يولداش خەي شياۋپىڭنىڭ ئىلغار ئىش – ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكەئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ۋە ج خ خەلق ساقچىلىرى جاپا – مۇشەققەتتىن باش تارتماي، كېچە – كۈندۈز ئىشلەپ، مۇقىملىقنى ساقلاشقا ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشتى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، ھەر مىللەت ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ خەي شياۋپىڭنى ئۈلگە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خەي شياۋپىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتى

        ج خ مىنىستىرلىقى يولداش خەي شياۋپىڭنىڭ ئىلغار ئىش – ئىزلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي – قانۇن سىستېمىسىدا ‹‹ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەت›› نى، ج خ ئورگانلىرىدا ‹‹ئۈچ قۇرۇلۇش›› نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يولداش خەي شياۋپىڭنىڭ ئىلغار ئىش – ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكى تەشكىللەپ، مەملىكىتىمىزدىكى بەش ئاپتونوم رايوندا سەييارە دوكلات بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇنجى قېتىملىق دوكلات بېرىش يىغىنى 12 – ئىيۇل بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

 




ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0719/article_9315.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
خەي شياۋپىڭنىڭ ئىلغار ئىش–ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
خەي شياۋپىڭنىڭ ئىلغار ئىش–ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچ...
روسىيىلىك يەنە بىر جاسۇس بايقالدى
روسىيىلىك يەنە بىر جاسۇس بايقالدى
ھىرالى بىلەن ئىرانلىق ئالىمنىڭ قايسىسىنىڭ راست؟
ھىرالى بىلەن ئىرانلىق ئالىمنىڭ قايسىسىنىڭ راست؟
Yahoo ئىزدەش مۇلازىمىتى سىنىقىنى مۇشۇ ئاي باشلىماقچى
Yahoo ئىزدەش مۇلازىمىتى سىنىقىنى مۇشۇ ئاي باشلىماقچى
دۆلتىمىزدە تور نامى شىددەت بىلەن ئازىيىپ كەتتى
دۆلتىمىزدە تور نامى شىددەت بىلەن ئازىيىپ كەتتى
گۇاڭدوڭلۇق پۇلدار شەخسي تىك ئۇچار بىلەن ئوغرىنى قوغلىدى
گۇاڭدوڭلۇق پۇلدار شەخسي تىك ئۇچار بىلەن ئوغرىنى قوغلىدى
كۆچمەن بولۇپ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتكەن چولپانلار
كۆچمەن بولۇپ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتكەن چولپانلار
ئامېرىكا كورىيە تەرەپ بىلەن سۈلھىلىشىۋېتىپتۇ
ئامېرىكا كورىيە تەرەپ بىلەن سۈلھىلىشىۋېتىپتۇ
 
 
قىزىقارلىق قىسقا فىلىملار
رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ