مايكول. جېكسون دادىسى بىلەن بىللە
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، داڭلىق ناخشا چولپىنى مايكول.جېكسوننىڭ دادىسى جون. جېكسون 13-ماي مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، مايكول.جېكسوننىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ئايالى (مايكولنىڭ ئانىسى) سەۋەپچى بولغان ئىكەن.
جون مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ مايكول قازا قىلغاندا ئايالى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن چاغدىكى سىنئالغۇ لېنتىسىنى ئاشكارلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جون ۋە ئۇنىڭ ئايالى قاتتىق ۋارقىرىشىپ سوقۇشۇپ كەتكەن. جوننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دائىم ئايالىنى مايكولنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرۇشىنى، ئۇنىڭ دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنى توسۇپ، ئۇنىڭ دورا ئىستىمال قىلىشتىن قول ئۈزۈشىگە ياردەم قىلىشنى كۆپ قېتىم ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، مايكولنىڭ ئانىسى ئوغلىمىزنىڭ ئۆزىگە تەۋە شەخسىي ئۆيى ۋە تۇرمۇشى بار، دەپ بارغىلى ئۇنىمىغان ئىكەن. شۇڭا جون ئۆزىنىڭ ئايالىنى بۇ جەھەتتە ئېغىر مەسئولىيىتى بار دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭ ئايالى كېسلىن تا ھازىرغىچە ئوغلىنىڭ ئۆلىمىنى ئويلاپ قاتتىق ئازاپلىنىپ، نۆۋەتتە تەن-سالامەتلىكىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...