سۈرەتلىك ئۇچۇر >>   مەزمۇن

بارېسلونا كوماندىسى غەلىبە قىلدى

841 2010-04-11 15:57:20   www.basbas.cn   يازمام
T|T:خەت رەزمىرى

 

پۈتۈن دۇنيادىكى پۇتبول مەستانىلرىنى تەقەززا قىلغان ئېسپانىيە پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 32-ئايلانمىسىدىكى ئىككى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ كەسكىن جېڭى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 4تە ئېسپانىيە خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى، نەتىجىدە مېھمان كوماندا بارېسلونا كوماندىسى نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ پۇتبول مەستانىلىرىغا كوماندىدا داڭلىق چولپانلارنىڭ يىغىلىشى بىلەنلا غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماسلىشىشچانلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى پۈتۈن دۇنيادىكى پۇتبول مەستانىلىرى ۋە تەھلىلچىلەر بۇ مۇسابىقىنى ھازىرقى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ داڭلىق ئىككى «يولۋاس»نىڭ ئېلىشىشى دەپ باھا بەردى، بۇ ئېسپانىيە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىدىكى پورتۇگالىيەلىك پۇتبول چولپىنى كىرىستىيان رونالدو(ئۇ ئەنگىلىيە مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبىدىن 80000مىڭ فونىد سىتىرلىڭلىق باھا بىلەن ئېسپانىيە خان جەمەتى مادىرىت كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى ھەق بىلەن يۆتكىلىش رېكوتىنى ياراتقان)،ئارگېنتىنالىق مېسسى(ئارگېنتىنادا بۇرۇنقى پۇتبول پادىشاھى مارادونانھىڭ ئىزباسارى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان چولپان)نى ئۆزئىچىگە ئالغان ئىدى.نەتىجىدە ئارگېنتىنالىق مېسسى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي بەلكى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئۇرغان توپ سانىنى 27 گە يەتكۈزدى(مۇسابىقە باشلىنىپ 33مىنۇت بولغاندا خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسىغا تۇنجى توپنى مېسسى كىرگۈزدى)ھەمدە بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش جەھەتتە ۋاقتىنچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارېسلونا كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى 1-ئورۇننى خان جەمەتى مادىرىت كوماندسىدىن تارتىۋالدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر