يۈز قىسىمىنى ئۆسمە قاپلاپ كەتكەن بىچچارە قىز

33612010-04-05 13:38:55   شىنخۇا تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

يۈزقىسىمىنى ئۆسمە قاپلاپ كەتكەن قىز




جېجىياڭ چىڭيۈەن ناھايىسىدكى 22 ياشلىق قىز ۋۇشىياۋيەن كىشى ئويلىمىغان دەرىجىدە ئېغىر ئۆسمە كىسىلگە گىرىپتار بولغان بۇلۇپ.

ئۇنىڭ يۈز قىسمىنى پۈتۈنلەي ئۆسمە گۆشلىرى قاپلاپ كەتكەن ،يۈز قىسمىنىڭ شەكلى پۈتۈنلەي ئوزگۈرۈپ كەتكەن.

ئۇنىڭ دۇختۇرى چۈشەندۈرۈپ "شىياۋيەن ئىڭەك سۇڭەڭ تالالىرى چۈڭۈيىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان،ھەمدە بۇ ئۆسمە ئۈزلىكسىز چۈڭۇيۇپ ماڭغان.شىياۋيەن بىر نامرات دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ،ئۇ 9 ياش ۋاختىدا ئۆسمە كۆرۈش نىرۋىسىنى بېسىۋالغانلىقتىن كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالغان،ھەمدە بۇرنى بىلەن نەپەسلىنەلمەيدىغان بۇلۇپ قالغان،شۇنداقلا پۇراش سىزىمىنى يۇقاتقان،13 يىلدىن بېرى ئۇنىڭ يۈز قىسىمىدىكى ئۆسمە ئۈزلىكسىز چۈڭۈيۈپ،قاڭشىرى يۇقۇلۇپ،كۆزى سىرتىغا ئېغىر دەرىجىدە پولتۇيۇپ چىقىپ قالغان.

جېجىياڭدىكى بىر ئىڭەك ئېغىز بوشلىقى دۇختۇرىنىڭ ئېيتىشىچە:نوۋەتتە بۇ ئۆسمە بۇ قىزنىڭ يۇزقىسمىنىڭ 3 دىن 2 قىسىمىنى،چوڭ مىڭىسىنىڭ 3دىن 1 قىسىمىنى ئىگەللەپ بولغان،بىراق زىھنى قۇۋىتى،ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلمىغان.بۇ كىسەلنى داۋالاش ئۇچۇن،200مىڭ خەلق پۇلى كىتىدۇ،بۇ بۇ قىزنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ئېيتقا ناھايىتى كۆپ سان.

ئىگىلىنىشىچە:پۈتكۈل دۇنيادا سۇڭەڭ تالا غەلىتە چوڭۇيۇش كىسەللىكى باركىشىلەر150 مىڭغا يىتىدىكەن،بىراق پەقەت 3 پىرسەنت  كىشىنىڭ كىسىلى شىياۋياڭغا ئوخشاش ئېغىرلاپ كىتىدىكەن.

مەنبە: شىنخۇا تورى.


 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر