جۇڭگو نېفىت پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى قازاقستان نېفىت كارخانىسىنى سېتىۋالدى
جۇڭگو نېفىت پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى يېقىندا ئۆزىنىڭ قازاقستان پاي چېكى بازىرىدا قازاقستان مانغىشلاق نېفىت شىركىتىنىڭ %100 ئادەتتكى پېيىنى ئۈچ مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مانغىشلاق نېفىت شىركىتى قازاقستاندىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي نېفىت شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ قازاقستاندىكى 15 نېفىتلىكنى چارلاش ۋە قېزىش ئالاھىدە ئىجازەتنامىسى بار بولۇشتىن سىرت يەنە شۆبە شىركەتلىرى ئارقىلىق كاسپى دېڭىز دائىرىسىدىكى دېڭىز ئۈستى نېفىتلىكىنى ۋە قازاقستاننىڭ غەربىدىكى تەبىئىي گازلىقنى چارلاش ئىجازەتنامىسى بار.