باقتۇ چېگرا ئېغىزىدا چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئۆزئارا سودىسى جانلىنىپ كەتتى
جۇغراپىيىلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە ۋە 150 يىلدىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان شىنجاڭنىڭ چۆچەك شەھىرىدە ئېچىلغان باقتۇ جۇڭگو - قازاقستان چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا بازىرى 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. شۇ كۈنى 100 دىن ئارتۇق قازاقستان سەييارە سودىگەرلىرى بۇ يەردە تاۋار سودىسى ئېلىپ باردى.
چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئۆزئارا سودىسى ئىككى دۆلەت چېگرىسىدىكى ئاھالىلار ۋە ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا قوشنا دۆلەتلەر ئارا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە، چېگرا رايوندا مەخسۇس بىر ئورۇن بەلگىلەپ، بېكىتىلگەن تاۋار تۈرلىرى ۋە سودا سوممىسى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان تاۋار سودىسى پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭ روسىيە، قازاقستان، قىرغىزستان قاتارلىق سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغان بولغاچقا، 17 دۆلەت دەرىجىلىك بىرىنچى تۈرلۈك چېگرا ئېغىزى بار. چۆچەك شەھىرىدىن باشقا، جېمىنەي ناھىيىسى ۋە تاشقورغان ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىكى چېگرا ئېغىزلىرىدىمۇ چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا بازىرى ئېچىلدى.
باقتۇ جۇڭگو - قازاقستان چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا بازىرى چۆچەك شەھىرىدىكى چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، باقتۇ چېگرا ئېغىزىغىچە بولغان ئارىلىقى 12 كىلومېتىر، ئۇ چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئۆزئارا سودىسى، ساياھەت قىلغاچ مال سېتىۋېلىش، تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مال ساقلاپ بېرىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئۇنىۋېرسال سودا بازىرىدۇر. سودا مەركىزىدە تۈرلۈك مال ۋە خاتىرە بۇيۇملار رايونى، كىيىم - كېچەك (باش كىيىم ۋە ئاياغلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ( رايونى، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى رايونى قاتارلىق رايونلار تەسىس قىلىنغان، ئىشلەتكىلى بولىدىغان دۇكانلار 400 ئېغىزدىن ئاشىدۇ، ھەربىر ئېغىزىنىڭ يەر مەيدانى 20 كۋادرات مېتىر. تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىۋاتقان ئىسكىلاتلار 46 ئېغىز، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش - چۈشۈرۈش مەيدانىنىڭ كۆلىمى 800 1 كۋادرات مېتىر. ھەر كۈنى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى سەييارە سودىگەرلەردىن 10 - 5 مىڭ كىشى بۇ يەردە سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 000 5 توننا مالنى سىغدۇرالايدۇ، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىلدىن 50 دانىنى توختىتىپ قويغىلى بولىدۇ.
چۆچەك شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى لى شىيۈ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: 2006 - يىلى 8 - ئايدا چۆچەك شەھىرى بىلەن قازاقستاننىڭ شەرقىي قازاقستان ئوبلاستىدىكى ئۇست - كامېنوگرسك ۋە سېمىپالاتىنسك شەھىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان دوستانە شەھەر كېلىشىمى ھەم ئالاقىدار سۆھبەت خاتىرىسىگە ئاساسەن، ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئاھالىلارنى بېيىتىپ چېگرىنى گۈللەندۈرۈش، ئۆزئارا تولۇقلاش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستانە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش» پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، چۆچەك شەھىرىنىڭ يۈەنشېڭ بازىرىدا چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا بازىرىنى ئېچىش توغرىسىدا بىردەك پىكىر ھاسىل قىلدى. 2009 - يىلى 2 - ئايدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى چۆچەك شەھىرىدىكى باقتۇ چېگرا ئېغىزىدا چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا بازىرىنى ئېچىپ، «بىر كۈنلۈك ساياھەت» سودىسىنى يولغا قويدى.
قازاقستان جۇمھۇرىيىتى شەرقىي قازاقستان ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پىنچۇك درېگورىي ۋاسىلىۋىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرغاچقا، شەرقىي قازاقستان ئوبلاستى قازاقستاندىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان ئوبلاستلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باقتۇ جۇڭگو - قازاقستان چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا بازىرى ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ قويۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىدىكى بىر تۈرلۈك تەدبىردىنلا ئىبارەت، كېيىنكى قەدەمدە ئىككى تەرەپ ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرىدۇ.
شىنجاڭدىكى چۆچەك شەھىرىنىڭ ئەزەلدىنلا «جۇڭغارنىڭ دەرۋازىسى» ۋە «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا كارىدورى»، دېگەن گۈزەل نامى بار. بۇ يەر ئارقىلىق قازاقستاندىن غەربكە مېڭىپ روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئوڭايلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. باقتۇ چېگرا ئېغىزى قازاقستان، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سەككىز ئوبلاست، ئون سانائەت شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، نوپۇس زىچ جايلاشقان، قاتناش قۇلايلىق، بازار يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى قازاقستاننىڭ بازار ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئېكسپورت قىلىشنى ئاساس قىلغان سىرتقا يۈزلەنگەن يېزا ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى تەرەپ سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ھازىر بۇ يەر شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن يېشىل دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان، ساقلاپ توشۇيدىغان ۋە ئېكسپورت قىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بازىغا ئايلاندى.
خەنزۇچە «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى» ژۇرنىلىدىن سوفىيە شېرىپ تەرجىمە قىلدى